مۇھىم خەۋەرلەر

بلىنكىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولامدۇ؟ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى

2023.06.08 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  6-ئاينىڭ 7-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكىن بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىكەن. جۇڭگو تەرەپ بۇ خەۋەرنى ئىسپاتلىيالامدۇ ياكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇشتۇرالامدۇ؟


  «سىز تىلغا ئالغان مەسىلە توغرىسىدا مېنىڭ تەمىنلىگۈدەك خەۋىرىم يوق »، دېدى ۋاڭ ۋېنبىن.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا زۆرۈر ئالاقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مۇنداق دەپ سورىدى: سىرتتىكىلەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە يېقىندا بىر قىسىم ياخشىلىنىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلدى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەربىي تارماقلارنىڭ سۆھبىتى ۋاقتىنچە ئەسلىگە كەلمىدى، ئامېرىكا يەنىلا سۆزلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا زۆرۈر ئالاقىنى ساقلاپ كەلمەكتە، نۆۋەتتە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مەسئۇلىيەت جۇڭگودا ئەمەس. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىشى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى ۋە جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىشى، بىر تەرەپتىن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خالىغانچە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى توختىتىشى، دېگىنى بىلەن قىلغىنى بىردەك بولۇپ، جۇڭگو بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش يولىغا قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.



  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ