مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى تەدبىرى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى مائارىپ سىستېمىسىغا تىرەك بولىمىز

2023.06.07 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەخسۇس تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار 18 مىليون 804 مىڭغا يېتىپ، 2017-يىلىدىكىدىن 2 مىليون 535 مىڭ كىشى كۆپەيگەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، جۇڭگوچە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى مائارىپ سىستېمىسىغا تىرەك بولىدۇ.


  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى داۋاملىق زورايدى، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالاھىدە مائارىپ، مەخسۇس مەكتەپلەردىكى مەخسۇس تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار 16 مىليون 107 مىڭغا يېتىپ، 2017-يىلىدىكىدىن 2 مىليون 345 مىڭ كىشى كۆپەيدى. كەسپىي مائارىپتىكى «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتى، تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسپىي مەكتەپ، ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى مەخسۇس تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچى 1 مىليون 366 مىڭغا يېتىپ، بەش يىلدا يېڭىدىن 44 مىڭ كىشى كۆپەيدى. ئالىي مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمۇ يەنىمۇ كۈچىيىپ، ئادەتتىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى ۋە چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىدىكى مەخسۇس تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچى 2017-يىلىدىكى 1 مىليون 185 مىڭدىن 2022-يىلىدىكى 1 مىليون 331 مىڭغا كۆپىيىپ، دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى پەللىسى قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولدى.


  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەربىيەلەش ئۆگىنىش پۇرسىتىمۇ ماس قەدەمدە كۆپەيدى. 2017-يىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچى، داڭلىق مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى يولغا قويۇلۇپ، ئىككى تۈركۈمدە جەمئىي 608 داڭلىق ئوقۇتقۇچى، داڭلىق مەكتەپ مۇدىرى تەربىيەلەندى، «دۆلەت تەربىيەلەش پىلانى» ئوتتۇرا، غەربىي رايون تۈرى بويىچە ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى يېزا مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن 9 مىليون 343 مىڭ ئادەم (قېتىم) تەربىيەلەندى، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى؛يۇقىرى سەۋىيەلىك مەكتەپ ۋە ساھە كارخانىلىرى بىرلىكتە 170 دۆلەت دەرىجىلىك «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ مەملىكەت بويىچە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ 401 ئالىي مەكتەپتە «خۇاڭدانىيەن» شەكلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى بەرپا قىلىنىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپى بەرپا قىلىندى.


  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، جۇڭگوچە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق، يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار تەمىناتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،«قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.



  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ