مۇھىم خەۋەرلەر

سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ فېنتايىلغا چېتىشلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىشنى باھانە قىلىپ، جۇڭگودىكى ئەمەلىي گەۋدە ۋە شەخسلەرنى جازالىشىغا ئىنكاس قايتۇردى

2023.06.07 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكا چوڭ مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى 6-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو زەھەر چەكلەشنى ئىزچىل قاتتىق يولغا قويۇپ كەلدى ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بىلەن ئامېرىكىنىڭ فېنتايىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى. ئامېرىكا پاكىتنى بۇرمىلاپ، ئاتالمىش ئامېرىكا ۋە مېكسىكىغا ساتقان يالپاقلاش ماشىنىسى، قېلىپ ئۈسكۈنىلىرىنى فېنتايىل ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ دېگەننى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە شەخسلىرىنى جازالاپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئاممىنى ئازدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇندى. جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.


  بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: يېقىندا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى يالپاقلاش ماشىنىسى، قېلىپ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىشنى فېنتايىلغا چېتىشلىق دېگەننى باھانە قىلىپ، جۇڭگودىكى يەتتە ئەمەلىي گەۋدە ۋە ئالتە شەخسنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، سودا مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكا چوڭ مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى يۇقىرىقى ئىنكاسنى قايتۇردى.


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ