مۇھىم خەۋەرلەر

مالىيە مىنىستىرلىقى جىددىي بايانات ئېلان قىلدى

2023.06.07 15:19 مەنبە: خەلق تورى

  6-ئاينىڭ 6-كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىندا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پۇل مۇئامىلە زايومى»نىڭ ياسىۋېلىنغان سۈرىتى ۋە ئۇچۇرى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا تارقالدى. ھازىر تۆۋەندىكىچە بايانات ئېلان قىلىمىز:


  مالىيە مىنىستىرلىقى تارقاتقان زايوملارنىڭ ھەممىسى دۆلەت زايومى، پۇل مۇئامىلە زايومى تارقىتىلمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1997-يىلىدىن كېيىن ناتۇرال دۆلەت زايومى تارقىتىلمايدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ زايوم تارقىتىشقا ئالاقىدار تۈزۈملىرى، سېتىپ بېرىش ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى، ھەر قېتىملىق زايوم تارقىتىش ۋاقتى، مۇددىتى، ئۆسۈم نىسبىتى قاتارلىق ئۇچۇرلار مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى ( www.mof.gov.cn) ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدۇ، ئەگەر سوئالىڭىز بولسا، خالىغان ۋاقىتتا ئېچىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.


  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى سورايمىز.


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ