مۇھىم خەۋەرلەر

ئوقۇغۇچىلار بېلەت سېتىۋېلىشتا توردا تەكشۈرۈتۈشكە بولىدىغان بولدى

2023.06.07 00:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، جۇڭگو تۆمۈر يولى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوقۇغۇچىلار ئېتىبار بېلىتىنى سېتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ تۆمۈر يول 12306 يانفون تېرمىنالى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىبار بېرىش سالاھىيىتىنى توردا تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇر تورىدا ھەر ئوقۇش يىلىدىكى ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلېكتىرونلۇق رويخەتكە ئالدۇرغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى توردا تەكشۈرتسە بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ تور سىرتىدىكى تەكشۈرۈش يوللىرى ساقلاپ قېلىنىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئېتىبار بېلىتى سېتىۋېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق ئەسلىدىكى ئۇسۇلدا تەكشۈرۈتۈپ بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ.

  مەنبەنى بېسىپ، قانداق تەكشۈرۈتۈشنى، شۇنداقلا باشقا ساۋاقداشلارغا بېلەت سېتىۋېلىشتا قانداق مەشغۇلات قىلىشنى بىرلىكتە كۆرۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ