مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2023-يىللىق مەمۇرلارنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى

2023.06.07 00:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2023-يىللىق مەمۇرلارنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 8:00 دىن 6-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 18:00 گىچە «مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2023-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش مەخسۇس تور بېكىتى» (http://bm.scs.gov.cn/kl2023)گە كىرىپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ، يۈز تۇرانە ئىمتىھان 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلىنىدۇ.

  بۇ قېتىمقى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشقا جەمئىي 15 تارماق قاتناشتى، 3249 ئادەم قوبۇل قىلىش، بۇنىڭ ئىچىدە 2300 دىن ئارتۇقىغا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى. مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2023-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانىغا قاتناشقان، ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان، لېكىن ئەسلىدىكى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ئورۇنغا قۇبۇل قىلىنمىغانلار تىزىملاتسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ