مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو زاپاس پاختا شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى گۇ يۈيوۋ پارتىيەدىن قوغلاندى، پېنسىيە تەمىناتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2023.06.06 13:04 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتى جۇڭگو زاپاس پاختا شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى گۇ يۈيوۋنىڭ قانۇن- ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، گۇ يۈيوۋ سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنى تىل بىرىكتۈرۈۋېلىشقا تەشكىللەپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سوۋغات، پۇللارنى ئۇزاق مۇددەت، كۆپ قېتىم قوبۇل قىلىپ، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بايلىق توپلىغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى تەمىنلىگەن ماشىنا مۇلازىمىتىنى ھەقسىز قوبۇل قىلغان، جورىسى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى پاي قوشقان كارخانا بىلەن جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باش شىركىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلارنىڭ كەسپىي ئالاقىنى قانات يايدۇرغانلىق ئەھۋالىنى تەشكىلگە ئەينەن دوكلات قىلمىغان، ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقىلارغا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرغان. ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، مەركەز زاپاس ئاشلىقنى نۆۋەت بىلەن سېتىۋېلىش-سېتىش، سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىقنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشلىق يۆتكەش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇپ، پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كوللېكتىپنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، ساختا سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى تۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەبلەغنى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئارىيەت بېرىشنى قارار قىلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش جىنايىتىگە چېتىلغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باش شىركىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلار بىلەن تۈزگەن ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئادا قىلماي، دۆلەتكە ئىقتىسادىي زىيان سېلىشىغا ياردەم بېرىپ، دۆلەت كارخانىلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتىگە چېتىلغان.

  گۇ يۈيوۋ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەمدە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ پۇل ـ مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى پايدا ئېلىش پائالىيىتىگە ئىشلەتكەن، پارا ئېلىش ۋە ئورتاق پارا ئېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش قاتارلىق ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرگە چېتىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ بۇ ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى جازالاش چارىسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق گۇرۇھى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش ئارقىلىق، گۇ يۈيوۋغا پارتىيەدىن قوغلاش، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە بەھرىمەن بولغان پېنسىيە تەمىناتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلدى؛ ئۇنىڭ پارا ئېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە ـ كەلمەس پايدىلىنىش قاتارلىق جىنايەت مەسىلىلىرىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، چېتىشلىق مال ـ مۈلۈكنىمۇ دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ