مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئىككى تەرەپ كارخانا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

2023.06.06 13:02 مەنبە: خەلق تورى

  6-ئاينىڭ 5-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: 6 -ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12 -كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رىياد شەھىرىدە جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 10-نۆۋەتلىك كارخانىچىلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ تارىختىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئەرەب ئەللىرى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى سودا پائالىيىتى بولۇپ قالىدىكەن، جۇڭگو تەرەپ بۇ پائالىيەتتىن قانداق ئۈمىد كۈتىدۇ؟

  ۋاڭ ۋېنبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى كارخانىچىلار يىغىنى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھاكىمە يىغىنى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدىكى مۇھىم مېخانىزم خاراكتېرلىك پائالىيەت بولۇپ، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى كاتىبات باشقارمىسى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. 2005-يىلىدىن تا ھازىرغىچە توققۇز نۆۋەتلىك كارخانىچىلار يىغىنى ۋە يەتتە نۆۋەتلىك سېلىنما مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ نۆۋەتلىك كارخانىچىلار يىغىنى ۋە سېلىنما مۇھاكىمە يىغىنى 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو -ئەرەب ئەللىرى باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، جۇڭگو -ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىققا يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. بىز جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى كارخانا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك كارخانىچىلار يىغىنى ۋە سېلىنما مۇھاكىمە يىغىنىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دوستلۇق ئۈستىدە ئورتاق پاراڭلىشىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىشنى، بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو- ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ