مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇردى

2023.06.06 13:01 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇردى.

  ليۇ جيەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

  ليۇ جىچياڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىدىن؛ ئوۋ ۋېنخەن مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى ۋەزىپىسىدىن؛ ۋېڭ جيېمىڭ گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن؛ جيا چيەن دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن؛ لىن شەنچىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن؛ جاڭ تيەنفېڭ دۆلەت تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن؛ جاڭ يۇڭلى دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسى) نىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ