مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ھەربىي پاراخوتى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىغا بىخەتەر يېقىنلاشمىدىمۇ؟ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى

2023.06.06 13:00 مەنبە: خەلق تورى

  6-ئاينىڭ 5-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگونىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى ئالدىنقى شەنبە كۈنى تەيۋەن بوغۇزىدا «بىخەتەر بولمىغان ئۇسۇل» بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتىغا يېقىنلاشقان، ئىككى ھەربىي پاراخوتنىڭ ئارىلىقى 140 مېتىرغىمۇ يەتمەيدىكەن، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى، كۆپچىلىك كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەقىقىي ئەھۋال شۇكى، ئامېرىكا تەرەپ ئالدى بىلەن جېدەل چىقىرىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، جۇڭگو تەرەپ ئارقىدىن قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان دېڭىز قاتنىشى ۋە ئۇچۇش ئەركىنلىكىگە ئىزچىل ھۆرمەت قىلىپ كەلدى، جۇڭگو ئارمىيەسى قوللانغان ھەرىكەت ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى زۆرۈر تەدبىر بولۇپ، تامامەن مۇۋاپىق ھەم قانۇنلۇق، بىخەتەر ھەم كەسپىي. جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بوغۇزى رايونىدا ۋەقە تۇغدۇرۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ