مۇھىم خەۋەرلەر

ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشى، چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى −

ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىناش

2023.06.06 12:53 مەنبە: خەلق تورى

  «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلە.» «خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلق ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك».

  2018 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى. يىغىندا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى خۇلاسىلىنىپ ۋە شەرھلىنىپ، يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىدىيە بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلدى.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى سىستېمىسىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، پۇختا ئىشلەپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دائىر مەسىلە ئەڭ گەۋدىلىك بولغان جاي ۋە ئورۇنلارغا بېرىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىنىدى.

  ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى مۇھىت جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ھادىسىنى تەكشۈرۈش مەركىزى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش 6 - باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ داۋېي مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا <سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، مەسئۇلىيەتچان، جاپاغا ئالاھىدە چىدايدىغان، جەڭ قىلىشقا، تۆھپە قوشۇشقا ئالاھىدە ماھىر بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش پولات قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك> دەپ تەكىتلىدى. ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم جاپاغا ئالاھىدە چىدايدىغان، جەڭ قىلىشقا، تۆھپە قوشۇشقا ئالاھىدە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.

  ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىشلىتىشنى تولۇق ئىگىلەپ، بىلىش، ئىشىنىش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچ سەرپ قىلىپ، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى باش تېما تەربىيەسى كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى نۇقتىلىق ئۆگىنىپ مۇھاكىمە قىلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامى»نى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇدى، «شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى» ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى. ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق، غايە - ئېتىقادىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

  پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلدى.

  خەۋەرلەندۈرمەيلا نەق مەيدانغا بېرىپ، پاسكىنا سۇ قۇدۇقىغا چىقىپ، پاسكىنا سۇ يىغىش ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى؛ پاتقاق دەريا يوللىرىغا چۈشۈپ، دەريا يوللىرىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاش ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ ئېتىز - ئېرىقلارغا بېرىپ زىيارەتتە بولۇپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈزەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى... ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سەنشى، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جياڭشى، لياۋنىڭ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانا باغچە رايونى، ئاساسىي قاتلام ئېكولوگىيە - مۇھىت تارماقلىرى قاتارلىقلارغا بېرىپ، سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شۇ جاينىڭ سانائەت بۇلغىمىسىنى تۈزەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئەھۋالنى تولۇق ئىگىلەپ، تومۇرنى توغرا تۇتۇپ، نۇقتىلىق ئورۇن، نۇقتىلىق ھالقىلاردىكى خېيىم - خەتەرگە ھۆكۈم قىلىپ، باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى ۋاقتىدا توسۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەقىقىي بىر تەرەپ قىلدى.

  كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى ئاتموسفېرا مۇھىتى مەھكىمىسى يەرلىككە بولغان يېتەكچىلىك ۋە ياردەمنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، يەتتە شەھەردىكى 59 نۇقتىلىق سانائەت كارخانىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ مۇھىتنى تۈزەشتىكى قىيىن نۇقتا ۋە توسالغۇلارنى تېپىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ ھەل قىلىش لايىھەسى ۋە تۈزەش تەكلىپىنى بىرمۇبىر ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى.

  راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى نازارەت قىلىش، تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى، نازارەت قىلىش مەزگىلىدە ئاممىنىڭ ئەرزىيەت، پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نازارەت قىلىنغان ئوبيېكتلارنىڭ دەل جايىدا، ئىلمىي بولۇشى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشى، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

  تۇپراق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەھكىمىسى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى يېقىندىن كۆزدە تۇتۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ئاقىللار ئامبىرىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، تۇپراق، يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن بىرلىكتە مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ، كېسەللىك سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، كېسەللىك يىلتىزىنى قېزىپ، ئاساسىي قاتلام ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاش ئاساسىدا، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ رەتلەپ چىقتى ھەمدە مەركەزلىك ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر توغرىسىدا، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنى تەھلىل قىلىپ جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن ئاشىدىغان چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن ئادەم ئاياغ باسمىغان كۆزىتىش نۇقتىسىغىچە، ئوتلاق، چۆل-باياۋاندىن چەت، يىراق تاغلىق رايونلارغىچە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈۋاتقان سىماسى بار. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرلىرىگە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈرتكە بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن سېلىشتۇرۇش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش-كۆزىتىش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش-تۈزەشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە سۇ مۇھىتى سۈپىتىنى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى دەۋردە مەملىكەت بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ يىللىق سۇ ياخشى سۈپەتلىك ( 1-تۈردىن 3-تۈرگىچە ) كەسمە يۈز نىسبىتى 23.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان ئاساستا، بۇ يىلدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يەر ئۈستى سۈيىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك كەسمە يۈز نىسبىتى %89.1 كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ ناچار Ⅴ تۈردىكى كەسمە يۈز نىسبىتى %0.6 كە چۈشۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ھەر ۋاقىت كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئاڭلىق ئۆزگەرتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەتبىقلىشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  6-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مۇھىت كۈنى. بۇ يىل ئېلىمىز بېكىتكەن مۇھىت كۈنىنىڭ باش تېمىسى «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان زامانىۋىلىشىشنى بەرپا قىلىش». ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشاشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ