مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2023.06.06 01:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىمىز». 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر شەرھلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.


  مەدەنىيەت گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىيەت خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرىلىقنى ساقلاش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئىجادىي ئۆزگەرتىلدى، ئىجادىي تەرەققىي قىلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى دەۋر نۇرىنى چاقنىتىپ، يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، روھىي قىياپىتى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، تارىخىي ئىجادكارلىق روھىنى ئۇرغۇتتى، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى پۈتمەكتە.


  يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، بۇنىڭ نېگىزى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى سۈپىتىدە رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغانلىقىدا. پارتىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئىدىيە، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا داۋالغۇش بولۇۋاتقان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىدىيەۋى قارىشىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان يۈزلىنىشنى توغرا ئىگىلەپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.


  «ئىدېئولوگىيە خىزمىتى دۆلەت ئۈچۈن ئىرادە تىكلەيدىغان، مىللەت ئۈچۈن روھ تۇرغۇزىدىغان خىزمەت» دەپ تەكىتلىدى، مەدەنىيەت ئىشەنچى «تېخىمۇ ئۇللۇق، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەنچ» «بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، «يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچى بولمىسا، مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى بولمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى نۇقتىئىنەزىرى، يېڭى ھۆكۈمى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما بولۇپ، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئۈزلۈكسىز بېيىتىش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.


  پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، «مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىش»نى چۆرىدەپ مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر - بىرىگە ماسلاشقان زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، بۇ بىر خىل يېپيېڭى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ھالىتى. مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولغاندىلا، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ماددىي بايلىقنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆپىيىشى ۋە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ. ھازىر، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلگە كىردى، جەزمەن بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ ئېغىر، زور سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك. مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى چىڭىتىپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، زامانىمىزدىكى شانلىق سەھىپىنى پۈتۈپ چىققاندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مەنىۋى كۈچنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكىلى بولىدۇ.


  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئورتاق تىرىشىپ دەۋرىمىزگە مەنسۇپ بولغان يېڭى مەدەنىيەتنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشىمىز كېرەك.» يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېتىقاد، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئىزچىللىققا، گەۋدىلىك ئىجادىيلىققا، گەۋدىلىك بىردەكلىككە، گەۋدىلىك سىغدۇرۇشچانلىققا، گەۋدىلىك تىنچلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ئەمەلىيىتى ۋە ھازىرقى زامان ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، جۇڭگو داۋلىسى ئارقىلىق جۇڭگو تەجرىبىسىنى ياخشى يەكۈنلەپ، جۇڭگو تەجرىبىسىنى جۇڭگو نەزەرىيەسىگە كۆتۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ماركسىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشنى چۆرىدەپ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، زامانىۋىلىققا يۈزلەنگەن، دۇنياغا يۈزلەنگەن، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، مىللەتكە تەۋە، ئىلمىي بولغان، ئاممىباب بولغان سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.


  ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تاغ - دەريالىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، خەلقى مەردانە، ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا توپلىغان مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئېلىۋاتىمىز، بىز ئۆز يولىمىزدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىمىز، بۇ تەڭداشسىز كەڭ دەۋر سەھنىسىگە ئىگە، تەڭداشسىز چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە، تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت توغرا كەيپىيات ۋە جاسارەت بىلەن تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى يارىتايلى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى.




  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز



  مەنبە: خەلق تورى



  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ