مۇھىم خەۋەرلەر

75 بالىنى يوشۇرغىلى بولىدۇ! ئەمەلىي ئۆلچەنگەن ماشىنىنىڭ كۆرۈنمەس رايۇن قانچىلىك قورقۇنچلۇق

2023.06.05 11:09 مەنبە: خەلق تورى

  ماشىنىنىڭ كۆرۈنمەس رايونىغا نىسبەتەن چۈشەنچىڭىز قانچىلىك؟ سىز بىر SUV ماشىنىنىڭ كۆرۈنمەس رايونىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ يېقىندا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى بىر تۈرلۈك سىناق ئېلىپ بېرىپ،SUV ماشىنىنىڭ كۆرۈنمەس رايونىغا 75 بالىنى يوشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  سىناقتا جېڭجوۋ قاتناش ساقچىلىرى 2-تارماق ئەترىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى بىڭ يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنى بىر SUV ساقچى ماشىنىسىنىڭ ھەيدەش ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ كۆز توسقۇچ تاقىغۇزدى. ئارقىدىن يەسلىدىكى 75 كىچىك بالىنى ماشىنىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى كۆرۈنمەس رايوندا تۇرۇشقا يېتەكلىدى.

  ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى بالىلار يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، مۇئەللىم كۆز توسقۇچنى ئېلىۋەتتى. لېكىن، مۇئەللىم ماشىنىنىڭ ئەتراپىغا نەزەر سېلىپ ۋە ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنى كۆزىتىش ئارقىلىقمۇ بىرمۇ بالىنى بايقىمىدى.

  ماشىنىنىڭ كۆرۈنمەس رايونى دېگەن نېمە؟

  ماشىنىنىڭ كۆرۈنمەس رايونى دېگىنىمىز، شوپۇر ماشىنا ھەيدەش ئورنىدا نورمال ئولتۇرغاندا، ئۇنىڭ كۆرۈش سىزىقى ماشىنا گەۋدىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، بىۋاسىتە كۆرەلمەيدىغان رايوننى كۆرسىتىدۇ. ماشىنىنىڭ كۆرۈنمەس رايونغا كىرگەن ھامان، ماشىنا قوزغالسا ياكى بۇرۇلسا، پىيادىلەر، موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى ئاسانلا ماشىنىنىڭ تېگىگە كىرىپ كېتىدۇ.

  لى بىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ماشىنىنىڭ گەۋدىسى قانچە كەڭ، قانچە ئېگىز بولسا، كۆرۈنمەس رايوننىڭ دائىرىسى شۇنچە چوڭ بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ماشىنا ھەيدىگەندىكى كۆرۈنمەس رايون تىنچ تۇرغاندىكىدىنمۇ چوڭ بولىدىكەن.

  ماشىنىنىڭ كۆرۈنمەس رايونىغا قارىتا شوپۇر ۋە پىيادىلەر نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

  لى بىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شوپۇرلار ماشىنىغا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ماشىنىنىڭ ئەتراپىنى بىر ئايلىنىپ چىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ھەم ماشىنىنىڭ كۆرۈنمەس رايونىدىكى توسالغۇلارنى ئۈنۈملۈك بايقىغىلى، ھەم ماشىنىنىڭ ھالىتىنى، مەسىلەن، بالوندىن يەل قاچقان قاچمىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شوپۇرلار ماشىنا بۇرۇلغاندا بەدىنىنى ئىمكانقەدەر ئالدى-كەينىگە يۆتكىشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا A سىلىندىرسىمان كۆرۈنمەس رايوندىكى ھالەتنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.SUV ماشىنا ئادەتتىكى پىكاپلارغا قارىغاندا ئېگىز بولۇپ، كۆرۈنمەس رايوننىڭ دائىرىسى تېخىمۇ چوڭ، بالىلار ماشىنىنىڭ كۆرۈنمەس رايونىدا تۇرسا ياكى ماشىنىنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئوينىسا، ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. ئۇزۇن، كەڭ بولغان يۈك ماشىنىسىنىڭ كۆرۈنمەس رايونى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

  يۈك ماشىنىسىنىڭ كۆرۈنمەس رايون ئىسخېمىسى (رەسىم مەنبەسى: ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى)

  لى بىڭ ئاتا-ئانىلارغا بالىلارغا ماشىنا ئەتراپىدا ئوينىماسلىقنى قايتا-قايتا-ئېيتىشنى، سىرتقا چىققاندا بالىلارنى ئۆزىنىڭ يېنىدىن ئايرىماسلىقنى، چوڭ يۈك ماشىنىسىغا يولۇققاندا، مەيلى چوڭلار ياكى بالىلار بولسۇن، ماشىنىدىن قانچە يىراق تۇرسا شۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ