مۇھىم خەۋەرلەر

شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىدىن سادا

2023.06.05 11:05 مەنبە: خەلق تورى

  شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا-كانادا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

  شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشياۋسى شى يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 3-چېسلا ئامېرىكىنىڭ «چاڭ خۇن» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى، كانادانىڭ «مونچېرىل» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى ھەمدە بۇنى ئاشكارا كۆپتۈردى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە ئەسكىرىي كۈچىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلدى. ئالاقىدار دۆلەتلەر تەيۋەن بوغۇزى رايونىدا قەستەن ۋەقە تۇغدۇرۇپ، قەستەن خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا يامان نىيەتتە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بەردى. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بارلىق تەھدىت، ئىغۋاگەرچىلىككە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ