مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي پاراخوت، ئايروپىلانلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك

2023.06.05 11:03 مەنبە: خەلق تورى

  تۈنۈگۈنكى 20-نۆۋەتلىك شاڭگىرىلاسۆھبەت يىغىنىدا، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ ئاتالمىش «جۇڭگو ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانىنى توسۇۋالغان»لىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «قايتۇرۇپ سوراپ باقسام، نېمە ئۈچۈن بايا كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ۋە دېڭىز تەۋەلىكى ئەتراپىدا ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ۋە دېڭىز تەۋەلىكى ئەتراپىدا يۈز بېرىدۇ؟ چۈنكى، جۇڭگونىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى ۋە ھەربىي پاراخوتلىرى ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ۋە دېڭىز تەۋەلىكى ئەتراپىغا بېرىپ ئاتالمىش ھاۋا ۋە دېڭىز قاتنىشى زومىگەرلىكى قىلمايدۇ. ئەڭ ياخشى چارە شۇكى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي پاراخوت، ئايروپىلانلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ