مۇھىم خەۋەرلەر

سودا مىنىستىرلىقى: يېپىق شەكىلدىكى، تىركىشىش خاراكتېرىدىكى «كىچىك چەمبىرەك»كە قارشى تۇرىمىز

2023.06.02 14:43 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى «ھىندىستان-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي رامكىسى» ( IPEF ) نىڭ خەلقارا تەمىنلەش زەنجىرى كېلىشىمى توغرىسىدىكى سۆھبەت ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى. كېلىشىم «ھىندىستان-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي رامكىسى» ( IPEF ) ھەمكارلىق ھەمراھلىرى ئارىسىدا بىر مېخانىزم بەرپا قىلغان بولۇپ، تەمىنلەشنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن سودا مىنىستىرلىقى رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاخبارات باياناتچىسى بۇنىڭغا باھا بەردى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۇ يۈتىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو «ھىندىستان -تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي رامكىسى» غا ئالاقىدار ئەھۋاللارغا دىققەت قىلدى. بىز ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن نەپ ئالىدۇ، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى چەتكە قېقىش ۋە ئىختىلاپ پەيدا قىلىشتىن ئەمەس، دەپ قارايمىز. جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ( APEC)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشەببۇسىغا ئىزچىل ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىنى ساقلايدۇ، ئەمما يېپىق شەكىلدىكى، تىركىشىش خاراكتېرىدىكى «كىچىك چەمبىرەك»كە قارشى تۇرىدۇ.

  سودا مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ۋە خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ بەخت ئاتا قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ