مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ «1-ئىيۇن»دىكى ئەسكەرتمىسى: بالىلارنى كۇرسقا تىزىملاتقاندا بىر قېتىمدا تاپشۇرغان پۇل 5000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك

2023.06.02 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  «1-ئىيۇن» بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، نۇرغۇن مائارىپ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى «1-ئىيۇن» مەزگىلىدە زور كۆلەمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تېزلەتمەكچى بولدى. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى 5- ئاينىڭ 31-كۈنى ئىستېمال ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ سەگەك بولۇپ، مەكتەپ سىرتىدىكى سالاھىيىتى بار تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تاللىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىلىرىنى كۇرسقا تىزىملاتقاندا بىر قېتىمدىلا تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ 5000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

  جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر قىسىم مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى مەسئۇل تارماقلار تارقاتقان مەمۇرىي ئىجازەتنى ئالمىغان ياكى شەخسىي نام بىلەن «بىرگە بىر تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش»، «ئۆيىدە تۇرۇپ ئۆگىتىش»، «يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە مۇلازىمىتى» قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغان، بۇ خىل تەربىيەلەشنىڭ ھەم سالاھىيىتى،سۈپەت كاپالىتى يوق، ھەم زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت. ئاتا-ئانىلار مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەتلىك مەكتەپ سىرتىدىكى تەلىم-تەربىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئۇنىۋېرسال سۇپىسى «مەكتەپ سىرتىدىكى تەلىم-تەربىيە ئائىلە باشلىقى تېرمىنالى» APP سى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. غەيرىي پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەشتە، ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغاندىكى «بەلنى ئېگىش» قاتارلىق ھەرىكەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان يارىلىنىش، ھەتتا پالەچ بولۇپ قېلىش خەۋپىگە يۈكسەك دىققەت قىلىىشنى، بىپەرۋالىق قىلماسلىقنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىن چىقىم قىلىش شەكلىدىكى ئىستېمال قىلغاندا بىر قېتىمدىلا كۆپ پۇل قاچىلىماي، سودىگەر بىلەن يازما توختام ئىمزالاپ، توختام ماددىلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، ئالدىن چىقىم قىلىش كارتىسىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى، ئىقتىدارى، كارتا قايتۇرۇش شەرتى ۋە توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقى قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. يېقىندا، نۇرغۇن جايلار «مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 13 تارماقنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن غەيرىي پەن تۈرىدىكى مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ھۆججەت تارقىتىپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر قېتىمدىلا ھەق ئالماسلىقى ياكى قىممەت تولۇقلاش، قېتىم كارتىسى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ھەق ئالماسلىقى، ئۈچ ئاي ياكى 60 سائەتتىن ئاشۇرۇپ ھەق ئالماسلىقى ھەمدە ھەقنىڭ 5000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ