مۇھىم خەۋەرلەر

«قەتئىي يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

2023.06.02 14:39 مەنبە: خەلق تورى

  گۇاڭشى ليۇجوۋ شەھىرى ليۇنەن رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئۈندىدار سالونىدا «قالتىس ليۇنەن»دە 6- ئاينىڭ 1- كۈنى «ئەھۋال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى» ئېلان قىلىندى: ليۇنەن رايونى توردا تارقالغان مەلۇم ھۆكۈمەت خادىمى بىلەن بىر ئايالنىڭ تېتىقسىز پاراڭلىشىش خاتىرىسى ۋەقەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، ۋەقەگە چېتىشلىق لياڭ X ( ليۇنەن رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى) ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، ئالاقىدار مەسىلىلەر يەنىمۇ تەكشۈرۈلمەكتە. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: رايونىمىز پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قەتئىي يول قويماي، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئىنتىزام، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پېڭپەي خەۋەرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، كۆپلىگەن تور ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا بىر قاتار ئۈندىدار كەسمە رەسىملىرى تارقىلىپ، «ليۇنەن رايونى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى بىر ئايال تېلېگراف كەسپىي دىرېكتورى بىلەن تېتىقسىز پاراڭلاشتى» دېيىلگەن، ئالاقىدار كەسمە رەسىملەرگە يەنە ئەر ـ ئايال ئىككى تەرەپنىڭ باش سۈرىتى قوشۇپ قويۇلغان.

  5-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، پېڭپەي ئاخبارات مۇخبىرى ليۇنەن رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىزمەتچى خادىم لياڭ Xنىڭ ھەقىقەتەن مەزكۇر ئىدارىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى، 5-ئاينىڭ 31كۈنى ئىشقا كەلمىگەنلىكىنى، لياڭ X بىلەن بىر ئايالنىڭ تېتىقسىز پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى، لېكىن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلاشقانلىقىنى ئىگىلىگەن.

  5-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ليۇجوۋ شەھىرى ليۇنەن رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار سالونىدا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: توردا تارقالغان ليۇنەن رايونىدىكى كادىرغا چېتىشلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلدۇق، ھازىر ليۇنەن رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئىگىلەۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ