مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى زېلاندىيە ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدۇ

2023.06.02 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى زېلاندىيە خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى يېڭى زېلاندىيە ئاۋىياتسىيەسىدىن، كېيىنكى بەش ھەپتە ئىچىدە، ئوكلاند خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىشىنى تەلەپ قىلغان.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە رەقەملىك تارازىدا تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، شەخسىي سىرنى قوغداش ئۈچۈن، بەدەن ئېغىرلىقى سانلىق مەلۇماتى نامسىز بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يولۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى تەكشۈرۈش ئايروپىلاننىڭ ئومۇمىي يۈك كۆتۈرۈش مىقدارى ۋە ئېغىرلىقىنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاشنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يولۇچىلاردىن باشقا، ئايروپىلاندىكى مال، يېمەكلىك، ئايروپىلان خادىملىرى ۋە يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان يۈك-تاق قاتارلىقلارنىڭ ئېغىرلىقى ئۆلچىنىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ