گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ خۇڭۋۇ 1-سوتتا 83 مىليون 730 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغان دەپ ئەيىبلەندى

2023.06.01 10:53 مەنبە: خەلق تورى

  2023-يىل 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، خەينەن ئۆلكىلىك 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1- سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ خۇڭۋۇنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى قاراپ چىقتى.

  خەينەن ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 1-شۆبە مەھكىمىسى مۇنداق دەپ ئەيىبلىگەن: 2005-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، جاۋابكار ليۇخۇڭۋۇ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بېيخەي شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەھەر باشلىقى ياردەمچىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان، خېجوۋ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە ئېلىش، يەر تۈرىنى ئېچىش، مەخسۇس ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بەرگەن، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەر بەرگەن پۇل-مالنى بىۋاسىتە ياكى باشقىلار ئارقىلىق قانۇنسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ، جەمئىي 83 مىليون 730 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇلغان. تەپتىش ئورگىنى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ليۇ خۇڭۋۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلدى.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگىنى ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى. جاۋابكار ليۇ خۇڭۋۇ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى يۈزلەشتۈرۈش ئېلىپ باردى. ئەيىبلىگۈچى بىلەن ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، ليۇ خۇڭۋۇ ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. سوت ئاخىرىدا، سوت سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىسىدىن 20 نەچچە كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ