مۇھىم خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئۇرۇش رايونى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قىلىقى «سەن تاز دېگۈچە، مەن تاز دەۋالاي» دېگەندەك بىر ئىش

2023.06.01 10:52 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 31-كۈنى، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئاخبارات باياناتچىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشياۋ جاڭ نەندۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 17-ناملىق پاراخوت ئەترىتى جەنۇبىي دېڭىزدا دائىملىق مەشىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر RC-135رازۋېدكا ئايروپىلانى مەشىق قىلىۋاتقان رايونغا قەستەن ئۈسۈپ كىرىپ، رازۋېدكا كاشىلىسى پەيدا قىلدى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئەسكىرىي كۈچىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن جەرياننى ئىز قوغلاپ كۆزەتتى، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىرتەرەپ قىلىپ، كەسپىي قائىدە بويىچە مەشغۇلات قىلدى.

  ئامېرىكىنىڭ قىلمىشى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئالاقىدار خەۋەرلەر بولسا پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، پۈتۈنلەي «سەن تاز دېگۈچە، مەن تاز دەۋالاي»دەپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، خەلقئارا كۆز بويامچىلىقى قىلىشقا ئۇرۇندى. بىز ئامېرىكىنى دېڭىز، ھاۋا بىرىنچى سېپىدىكى ئەسكىرىي كۈچنى ھەقىقىي چەكلەشكە دەۋەت قىلىمىز، ئالاقىدار خەلقئارا قانۇن ۋە ئالاقىدار كېلىشىملەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، دېڭىز، ھاۋا ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، بولمىسا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتنى ئامېرىكا ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيار تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىخەتەرلىكى ۋە جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ