دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى

2023.06.01 10:49 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تەن كېفېينىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىش تەكلىپىنى «رەت قىلدى» دەپ داۋراڭ سالغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

  مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ سىنگاپوردا ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى رەت قىلدى، دېدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا يەنە جۇڭگو تەرەپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئالاقە تەلىپىنى كۆپ قېتىم رەت قىلدى، دېدى. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

  تەن كېفېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھەرقايسى قاتلام ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىككى ئارمىيە ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى، سۆھبەتتە پىرىنسىپ بولمىسا بولمايدۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇشتا تۆۋەن چەك بولمىسا بولمايدۇ. نۆۋەتتە ئىككى ئارمىيە ئالاقىسى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقنى دەپ ئېيتساق، مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي ئامېرىكىدا. ئامېرىكا بىر تەرەپتىن ئالاقىنى كۈچەيتىشنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگو كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پەرۋا قىلماي سۈنئىي توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشتا بولۇشقا تېگىشلىك پوزىتسىيە ئەمەس. نۆۋەتتە، ئامېرىكا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەپ، خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت ۋە تېگىشلىك كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ