ۋۇ شيېيۈ دېلوسىغا 2-سوتتا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى ساقلاپ قېلىندى

2023.05.31 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  2023-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋۇ شيېيۈنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئالدامچىلىق قىلىش، كىملىك ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا 2- سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىلىپ، ئەسلى ھۆكۈم ساقلاپ قېلىندى.

  فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1- سوتتا مۇنداق دەپ بېكىتتى: ۋۇ شيېيۈ دۇنيادىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىيالىدا بولغان، دادىسى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئانىسى شيې × ×نىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى قالمىدى دەپ قاراپ، 2015- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شيې × ×نى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كېلىپ، توردىن دېلو سادىر قىلىش قورالى سېتىۋالغان. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17 ئەتراپىدا، ۋۇ شيېيۈ شيې × ×نىڭ ئۆيىگە قايتىپ ئاياغ ئالماشتۇرۇۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، گانتېل بىلەن شيې × ×نىڭ باش-يۈز قىسمىغا بىرنەچچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، نەق مەيداننى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. كېيىن ۋۇ شيېيۈ شيې × ×نىڭ ئۇنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇشىغا ھەمرا بولۇۋاتقان پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، تۇرمۇش خىراجىتى، ئوقۇش پۇلى، ئىقتىسادىي ئىمكانىيەت ئىسپاتى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ 1 مىليون 440 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. ۋۇ شيېيۈ ساقچىلارنىڭ رازۋېدكا قىلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن يەنە 10 نەچچە كىملىك سېتىۋېلىپ سالاھىيىتىنى يوشۇرۇشقا ئىشلەتكەن. فۇجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋۇ شيېيۈنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئالدامچىلىق جىنايىتى، كىملىك ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلىرىنى قوشۇپ جازالاپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى، قوشۇمچە 103 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.

  ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋۇ شيېيۈ نارازىلىق ئەرزى سۇندى. فۇجيەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2023-يىل 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئوچۇق سوت ئاچتى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىت1 - سوت بىلەن بىردەك بولدى. فۇجيەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: ۋۇ شيېيۈنىڭ قىلمىشى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، ئالدامچىلىق جىنايىتى، كىملىك ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ۋۇ شيېيۈ ئۆزىنىڭ خاتا تونۇشى تۈپەيلىدىن ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشنى ئويلاپ، دېلو سادىر قىلىشتىن بۇرۇن ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى تەييارلاپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋاسىتىسى ۋە دېلو سادىر قىلغان نەق مەيداننى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تازىلاشنى پىلانلىغان، دېلو سادىر قىلىش ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ بولغان. دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن شيې × ×نىڭ پوچېركىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شيې × ×نىڭ ھايات ئىكەنلىك ساختا كۆرۈنۈشىنى ياساپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، توردىن باشقىلارنىڭ كىملىكىنى سېتىۋالغان ھەمدە يان تېلېفون كارتىسىنى بۇزۇۋېتىپ ساقچىلارنىڭ رازۋېدكا قىلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئالداپ ئېلىۋالغان پۇلنى بۇزۇپ-چاچقان، جىنايىتىنى تونۇمىغان، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش نىيىتى يوق. ۋۇ شيېيۈنىڭ قىلمىشى قانۇنغا ئېغىر خىرىس قىلىپ، ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ نورمال ھېسسىياتىنى دەپسەندە قىلغان، جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى ئىنتايىن يامان، جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر. پۈتۈن دېلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ۋۇ شيېيۈ دېلو سادىر قىلغاندا تولۇق پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. 1- سوت ھۆكۈمىدە بېكىتىلگەن پاكىتلار ئېنىق، دەلىل-ئىسپات راست، تولۇق، جىنايەت بېكىتىشى توغرا، جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق، سوت تەرتىپى قانۇنلۇق. نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈم ساقلاپ قېلىنىدۇ. ۋۇ شيېيۈنىڭ ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى كېسىمى قانۇن بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ.

  2-سوتتا سوت قىلىش جەريانىدا، سوت ۋۇ شيېيۈ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتىنىڭ تۈرلۈك دەۋا ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلدى. بىر قىسىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرى ھۆكۈمنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ