مۇھىم خەۋەرلەر

«سۈكۈتتىكى قاتىل!»

بۇنداق راك كېسىلى بايقالغاندا، %70 بىمار ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولىدۇ

2023.05.29 01:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇخۇمدان راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ، بەش يىل ياشاش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، «سۈكۈتتىكى قاتىل» دەپ ئاتىلىدۇ، شۇڭا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە ھەر يىلى يېڭىدىن تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 310 مىڭغا يېتىپ، ھەر يىلى 210 مىڭ ئادەم بۇ سەۋەبلىك ئۆلگەن. تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولغان %70 بىمار بايقالغاندا ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولىدۇ، %70 بىماردا ئۈچ يىل ئىچىدە قايتا قوزغىلىدۇ، %70 بىمارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى بەش يىلغا يەتمەيدۇ.

  شاڭخەي شەھەرلىك بىرىنچى ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۈ مۇنداق دېدى: تۇخۇمدان راكى بىر خىل يامان سۈپەتلىك كېسەللىك بولۇپلا قالماي، يەنە يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسەللىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان، ئۇزاق مۇددەت باشقۇرۇش كېرەك بولغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك. شۇڭا ئوپېراتسىيەگە خىمىيەلىك داۋالاشنى قوشۇش، يەنە قامدىما داۋالاشتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنى قوللىنىش كېرەك، مانا بۇ تۇخۇمدان راكىنى ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.

  ۋاڭ يۈ مۇنداق ئەسكەرتتى: ئەگەر ئاياللارنىڭ پۇتىدا سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلسە ھەمدە قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، كىچىك تەرەت قىلغاندا بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇرمۇش ئادىتىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ئۇزاق ئولتۇرۇش ۋە ئۆرە تۇرۇشتىن ساقلىنىش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ۋە ئۇخلاشنى ساقلاش، تۇخۇمدان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ۋاڭ يۈ يەنە مۇنداق دېدى: جەمەتىدە كېسەللىك تارىخى بولسا، گېننى ئىلغاپ تەكشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ خەتەرلىك كىشىلەر توپى ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ. ئەگەر خەتەرلىك كىشىلەر توپى بولسا، چوقۇم سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئارىلىقىنى قىسقارتىش كېرەك، مەسىلەن، يېرىم يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈش كېرەك، قورساق قىسمىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بىلەن تەكشۈرۈش ۋە قان زەردابى ئىلمىدىكى ئۆسمە بەلگىسىنى تەكشۈرۈش بىر قەدەر ئاددىي بولغان ئىلغاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تۇخۇمدان راكىنى ئىلغاپ چىقىشقا بەلگىلىك ياردىمى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ