مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى

2023.05.26 14:46 مەنبە: خەلق تورى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى

  يېقىندا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېمپىراتۇرا تېز ئۆرلەپ، كەلكۈن مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ۋەقەلىرىمۇ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلگە قەدەم قويدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسى 25-چېسلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، جايلارنىڭ يېزا رايونلىرىدىكى مەكتەپ، كەنت ئەتراپى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش-كېلىش يولىدىكى سۇ رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى سەپلىشىنى ئەسكەرتتى.

  ئاگاھلاندۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەكتەپلەر مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش، دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى ھالقىلىق ۋاقىت نۇقتىلىرىدا، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى «ئالتىنى قىلماسلىق» تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى ھەربىر ئوقۇغۇچىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.جايلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئاتا-ئانىلارغا خەت، قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىدار قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، پەرزەنتلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى قايتا-قايتا ئەسكەرتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ھەپتە ئاخىرى، بايرام كۈنلىرىدىكى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ