مۇھىم خەۋەرلەر

1- ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەر نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا تەگسە ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ

2023.05.26 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  25-چېسلا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «باسقۇنچىلىق قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە پەسكەشلىك قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەرگە ئىزاھات» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىزاھات» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «ئىزاھات» 2023-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «ئىزاھات»تا نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا تېگىش جىنايىتىگە قارىتا، ئالتە خىل ئېغىرلىتىپ جازالىنىدىغان ئەھۋال بەلگىلەندى: ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەردىن ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەنلەر؛ زوراۋانلىق ئىشلىتىش، مەجبۇرلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئىپپەت-نومۇسىغا تەگكەنلەر؛ تۇرالغۇسىغا ياكى ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ ياتىقىغا كىرىپ، ئىپپەت-نومۇسىغا تەگكەنلەر؛ يېزىلاردا ئۆيىدە قالغان قىزلار، ئېغىر مېيىپ ياكى روھىي يېتىلىشى ئاستا بولغانلارنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا تەگكەنلەر؛ باشقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ، ئازدۇرغان، تونۇشتۇرغان، مەجبۇرلىغانلار؛ ئىلگىرى باسقۇنچىلىق، پەسكەشلىك جىنايىتى بىلەن جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلار. بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەر» قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەسىيلىك قىلىش، بېقىۋېلىش، قاراش، تەربىيەلەش، داۋالاش قاتارلىق مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنى، جۈملىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ھەمدە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، قوغداش قاتارلىق مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، 14 ياشقا توشقان قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلغان ياكى نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا تەگكەنلەرنى جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، نارەسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا تېگىش قىلمىشى قەبىھ بولغان» دەپ بېكىتىش كېرەك. بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەر كۆپ قېتىم باسقۇنچىلىق قىلغان، ئىپپەت -نومۇسىغا تەگكەنلەر؛ ئېغىر دەرىجىدە نابۇت قىلىش، ھاقارەتلەش قىلمىشى بولغانلار؛ قانۇنسىز قاماپ قويغان ياكى زەھەردىن پايدىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئازدۇرغان، كونترول قىلغانلار؛ كۆپ قېتىم باشقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئازدۇرغان، تونۇشتۇرغان ۋە مەجبۇرلىغانلار؛ ئۇزاق مۇددەت باسقۇنچىلىق قىلغان، ئىپپەت-نومۇسىغا تەگكەنلەر؛ ئىپپەت-نومۇسىغا تېگىش روھىي يېتىلىشى ئاستا بولغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ باسقۇنچىلىق، ئىپپەت–نومۇسىغا تېگىش جەريانى ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ شەخسىيىتىدىن سىن، سۈرەت قاتارلىق سىن ماتېرىياللىرىنى ياساپ، بۇ ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا تەھدىت سېلىپ باسقۇنچىلىق قىلغان، ئىپپەت-نومۇسىغا تەگكەن ياكى سىن ماتېرىياللىرىنى نۇرغۇن ئادەمگە تارقىتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛ باشقا قىلمىشى قەبىھ ئەھۋاللار.«ئىزاھات» تا يەنە «نارەسىدە قىزلارنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» باشقا ئەھۋاللار ۋە قىلمىشلار توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ يۈز بېرىۋاتقان «تور ئالدامچىلىقى» غا قارىتا، «ئىزاھات»تىمۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا سىنلىق پاراڭلىشىشقا زورلاش، ئازدۇرۇش ياكى سىن، سۈرەت يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، شەخسىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان ياكى شەھۋانىي قىلمىش سادىر قىلغانلارغا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، زورلۇق بىلەن پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى ياكى بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئىزاھات»تا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە باسقۇنچىلىق قىلغان، پەسكەشلىك قىلغان قۇرامىغا يەتكەن جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغان بولسا، كەڭچىلىك بىلەن جازالاش-جازالىماسلىق ۋە كەڭچىلىك قىلىش دائىرىسىنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە باسقۇنچىلىق قىلغان قۇرامىغا يەتكەن جاۋابكارغا جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغاندا، ئادەتتە جازانى كېچىكتۈرۈش تەتبىقلانمايدۇ. خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە باسقۇنچىلىق قىلىش، پەسكەشلىك قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارغا سوت مەھكىمىسى يەنە قانۇن بويىچە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەنئىي قىلىشنى تەتبىقلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ