مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە، تاشقى ئىشلار سېپىدىكىلەر باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى ___

ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى (ئىدىيە ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش)

2023.05.26 09:37 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە، تاشقى ئىشلار سېپىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇما، تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىشان تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دىپلوماتىيە مەركىزىي خىزمىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىدىغان، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلايدىغان ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇردى.

  مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى زىچ كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چۆرىدەپ كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشنى چۆرىدەپ كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ كەڭ كۆلەمدە مەشىقلەندۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈشتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تۈزىتىش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. دىققەتنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەممەيلەننى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش كىتاب ئوقۇش كۇرسىدىن بەش قارار ئېچىپ، بىر قاتار مەخسۇس تېمىلىق يېتەكچىلىك دوكلات يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش-ئالماشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئۆگىنىپ ئىگىلىشى، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈشى، ئەمەلىي ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدى. نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. دىققەتنى دىپلوماتىيە، تاشقى ئىشلار خىزمىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك، ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ئاساسلىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت لايىھەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ؛ ئەمەلىيەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن تاشقى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىپلوماتىيە، تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى، ياردەمچىسى بولۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن باشلاش، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتىيە كومىتېتى دەرھال يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى. مىنىستىرلىق پارتىيە كومىتېتى كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىپ، 14 يېرىم كۈن مەركەزلىك كىتاب ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگەندى، ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  دىپلوماتىيە سېپىنىڭ يايمىسى چوڭ، تارقىلىشى كەڭ بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، مىنىستىرلىق پارتىيە كومىتېتى بەش سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، مىنىستىرلىق ئىچىدىكى قاراشلىق 36 ئورۇن ۋە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق 265 ئەلچىخانا، كونسۇلخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يول ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى دىپلوماتىيە خىزمىتىدىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، 10 جەھەتتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى بېكىتتى. مىنىستىرلىق پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، مەسئۇل خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئايرىم - ئايرىم قوبۇل قىلىپ، «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاسىتە» قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئىشلەش داۋامىدا ئۆگىنىش، ئۆگىنىش داۋامىدا ئىشلەشتە چىڭ تۇردى. بۆلۈم رەھبەرلىك بەنزىسى رەھبەرلىك بەنزىسى باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بۆلۈم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، بۆلۈم رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى ئاچتى. بۆلۈمدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىل بايلىققا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئىدارە - باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ يەتتە كۈنلۈك كىتاب ئوقۇش كۇرسىغا قاتنىشىپ، زۆرۈر ئوقۇشلۇقلارنى تولۇق، ئەينەن تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ چىقتى. 28 كونكرېت مۇھاكىمە تېمىسىنى چۆرىدەپ، 42 قېتىم مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇردى. مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى «چوڭقۇر، ئەمەلىي، ئىنچىكە، توغرا، ئۈنۈملۈك بولۇش»نى ئۆلچەم قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت لايىھەسى ۋە ۋەزىپە تەقسىماتىنى ئېنىق تۈزۈپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى يولغا قويۇش پىلانىنىڭ تەپسىلىي لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن 12 جەھەتتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزمۇنىنى تولۇق قاپلىدى. ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، زىيارەت قىلىش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چەت ئەل پارتىيەلىرى بىلەن بولغان ئالاقە يولىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى تولۇق ئېلىپ، ئۆز تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىگىلەشنى كۈچەيتتى.

  دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چەت ئەلگە ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، چەت ئەلگە ياردەم بېرىش ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، دۇنياۋى ەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تاشقى خىزمەت ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ تارقىتىش، مەھكىمە رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن چەت ئەلگە ياردەم بېرىش ئىجرا تارماقلىرى، كارخانىلار، ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ بىرىنچى سېپى قاتارلىقلارغا بېرىپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چەت ئەلگە ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى توسالغۇ، قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقئارا ئاپپارات خىزمەتچىلىرى ۋە چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا ياردەم بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش؛ تاشقى ئىشلار تارماقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تاشقى تەشۋىقاتنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو تەشەببۇسى ۋە جۇڭگو تەشەببۇسىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرى ۋە ئەلئارا دىپلوماتىيەنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەلئارا دىپلوماتىيەنىڭ يېتەكچىلىك رولى، ئاممىۋى دىپلوماتىيەنىڭ تايانچلىق رولى، شەھەر دىپلوماتىيەسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  مول مەزمۇنلۇق «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىرىش» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن كەڭ ئالاقە باغلاپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەلرايى ئاساسى پۇختىلاندى.

  جۇڭگو خەلق دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى خەلق دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى. بىرقاتار دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرى ۋە سابىق سىياسىي ئەربابلار قاتارلىقلارنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، ئىككى يوللۇق سۆھبەتنى پائال قانات يايدۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى خەلقئارا مۇنبەرلەرنى ئۆتكۈزدى... ئەلئارا بايانلار ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگونى بىلىش، جۇڭگونى دوست تۇتۇشنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى كېڭەيتىپ، خەلقلەرنىڭ يېقىن ئۆتۈشى ئارقىلىق دۆلەتلەر ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ