مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭىچە ئالدامچىلىقتىن قاتتىق ھوشيار بولۇپ، بۇنداق ئىككىلىك كودنى ھەرگىز سكاننېرلىماڭ!

2023.05.26 00:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر توردىن مال سېتىۋېلىشنى ھەم ئۆيىگىچە تېز يەتكۈزۈپ بېرىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ساقچىلار كۆپچىلىككە، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تېز يوللانمىلاردىكى قىلتاقتىن ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتتى. يېقىندا، گۇاڭجوۋ شەھىرى لىۋەن رايونىدىكى ساقچىلارنىڭ توردا تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىشىچە، بەزىلەر بۇنداق «تېز يوللانما قىلتىقى»غا چۈشۈپ 300 مىڭ يۈەن ئالدىنىپ قالغىلى تاس قالغان.

  جاڭ خانقىز يېقىندا بىر تېز يوللانما تاپشۇرۇۋالغان، دەسلەپتە ئۇنى سودىگەرلەر سوۋغا قىلغان پاراۋانلىق دەپ ئويلىغان، ئۇ سوۋغاتتىكى ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكاننېرلىغاندىن كېيىن، بىلىپ-بىلمەي بىر پاراڭلىشىش توپىغا قوشۇلۇپ قالغان. توپتا جاڭ خانقىزنىڭ بىر قاتار ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ ئاندىن قىزىل بولاق ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.

  تازا ئىشەنمىگەن جاڭ خانقىز بۇ خىل ۋەزىپە تاماملاش ئۇسۇلى ئارقىلىق نەچچە يۈز يۈەن پۇل تاپقان ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەق پۇل ئالغان، ناھايىتى تېزلا، ئۇ ۋەزىپىنى تاماملاپ قىزىل بولاق ئېلىشتىن ئۆتۈپ، يۇمشاق دېتال چۈشۈرگەن ھەم پۇل قاچىلىغان، بۇ جەرياندا سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان. بىراق ئۇ ھەر قېتىم دەسمايە ۋە شېرىنكانىنى چىقىرىۋالماقچى بولغاندا، قارشى تەرەپ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىڭدىن داۋاملىق پۇل قاچىلاشنى تەلەپ قىلغان. جاڭ خانقىز زىياننى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، ئامالسىز توختىماي مەبلەغ سالغان.

  ھېلىمۇ ياخشى، ساقچىلار كۈندىلىك چارلاش جەريانىدا بۇ توپتا نۇرغۇن نورمالسىز مەبلەغ ئالاقىسى بارلىقىنى ۋاقتىدا بايقاپ، پۇل پېرېۋوت قىلماقچى بولغان جاڭ خانقىزنى تاپقان ھەمدە 300 مىڭ يۈەن پۇل يۆتكىشىنى توسۇپ قالغان.

  ساقچىلار شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋالغاندا چوقۇم ئېھتىيات قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ