جۇڭگو پەن تەتقىقات كوللېكتىپى يېڭى تۈرنى بايقىدى
2023.05.25 10:48 مەنبە: خەلق تورى
يېقىندا فۇجيەن مىنجياڭ شۆيۈەنى جۇغراپىيە ۋە دېڭىز-ئوكيان شۆيۈەنىنىڭ پەن-تەتقىقات كوللېكتىپى مارىيانا دېڭىز جىلغىسىغا يېقىن دېڭىز رايونىدا يالىڭاچ ئاميوبا يېڭى تۈرى – مارىيانا مايورېللا قۇرتىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ھازىر بۇ تۈردىكى ئاميوبا يەر شارى دېڭىز-ئوكيانلىرىدا پەقەت 9 خىل بولۇپ، ھەممىسى 1000 مېتىردىن تېيىز دېڭىز رايونىدا ئىكەن، بۇ تەتقىقاتتا تۇنجى قېتىم 3000 مېتىردىن ئارتۇق چوڭقۇر دېڭىز چۆكمىسىدىن مايورېللا قۇرتى تۈرى بايقىلىپ، تەجرىبىخانىدا تىرىك تەن يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.
يالىڭاچ ئاميوبا شەكلى ئۆزگىرىشچان بىر ھۈجەيرىلىك ھەقىقىي يادرولۇق جانلىق بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قايتا ھاسىل بولۇپ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، باكتېرىيە ۋە يۈسۈنلەرنىڭ تۈر توپىغا نىسبەتەن بەلگىلىك كونترول قىلىش، تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. مارىيانا مايورېللا قۇرتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى30-120µm غىچە، كەڭلىكى 11-60µm غىچە بولۇپ، ئالدى قىسمىدىكى سۈزۈك پلازما رايونى تار،4 ~ 51 غىچە كونۇسسىمان ئىككىلەمچى تەقلىد پۇتى بار (ھەرىكەت قىلىش ۋە ئوزۇقلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە).ھۈجەيرە پلازمىسى پەردىسىنىڭ سىرتىدىكى ھۈجەيرىلەر ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، قېلىنلىقى 190-290nm غىچە. ئالاقىدار نەتىجىلەر يېقىندا خەلقئارا ئىپتىدائىي جانلىقلار ژۇرنىلى Protist دا ئېلان قىلىندى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ