شيې فېڭ ۋەزىپىگە ئولتۇردى!

2023.05.24 13:43 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى شيې فېڭ ئامېرىكىغا بېرىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى. شيې فېڭ نيۇيورك ئايرودۇرۇمىدا نەق مەيداندىكى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى، ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  شيې فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق 12-نۆۋەتلىك باش ئەلچىسى بولغانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن كەلدىم، بۇ مېنىڭ مۇقەددەس بۇرچۇم. مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەلچىسى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم، بۇ مېنىڭ مۇھىم بۇرچۇم. ھازىر، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئېغىر قىيىنچىلىققا، كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى ھەم مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، بۇرچىمىزنى تولۇق ئادا قىلىمىز.

  شيې فېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ توغرا چىقىشىپ ئۆتۈشىدىكى ماھىيەتتىن تۈزەش يولى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىنىڭ پىرىنسىپى بويىچە تەيۋەن قاتارلىق مۇھىم سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى توغرا يولغا سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شيې فېڭ مۇنداق دېدى: مەن ئالدىنقى قېتىم ئامېرىكىغا كېلىپ خىزمەت قىلغىنىمغا 13 يىل بولغانىدى. 13 يىلدىن بۇيان، دۇنيادا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، ئامېرىكىدىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. كېيىنكى كۈنلەردە، مەن ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، ئامېرىكىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتىش ۋە تونۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنمۇ تاراتقۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن دوست بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن پىكىر يۈرگۈزۈپ، مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن! كېلەر قېتىم ئۇچراشقۇچە ئامان بولۇڭلار.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ