بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى يېقىندا تارتىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىنىڭ يادرو ماگنىتلىق ماس قەدەملىك مېڭىسىنىڭ چوڭقۇر قىسمىنى توك بىلەن غىدىقلىغۇچنى ئورنىتىش تېخنىكىسىنى تاماملىدى، بۇ ماگنىتلىق رېزونانس ماس قەدەملىك غىدىقلىغۇچ بىلەن ئېلېكتىر قۇتۇپىنىڭ بالىلاردىكى تارتىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىغا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشى ئىكەن. بىمار شياۋبو تارتىشىپ قېلىش توسالغۇسى تەرىپىدىن كۆپ يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. تارتىشىپ قېلىش كۆپ قوزغىلىدىغان بولغاچقا، تارتىشىپ قالغاندا ھەرىكەت دائىرىسى تەدرىجىي چوڭىيىپ، سەت گەپ قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكتىن، ئوقۇشتىن توختاپ ئۆيدە دەم ئېلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئاتا-ئانىسى ئۇنى يەنىمۇ ياخشى داۋالاش ئۈچۈن بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىپ،فۇنكسىيەلىك نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لياڭ شۇلىنىڭ ئامبولاتورىيەسىدە داۋالاتقان. كېسەللىك تارىخىنى تەپسىلىي سوراش، بەدەن تەكشۈرۈش ھەمدە روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈي يۇڭخۇانى دىياگنوز قويۇشقا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، لياڭ شۇلى شياۋبونىڭ كېسىلىنى داۋالاش تەس بولغان تارتىشىپ قېلىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دەپ دىياگنوز قويغان. دورىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىغانلىقتىن، ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىش ئارقىلىق، لياڭ شۇلى بالىنىڭ مېڭىسىنىڭ چوڭقۇر قىسمىنى توك بىلەن
غىدىقلىغۇچ بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى قارار قىلغان. يېقىندا ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، بۇ دۇنيادىكى تۇنجى بالىلاردىكى تارتىشىپ قېلىش كېسىلى يادرو ماگنىتى بىلەن مېڭىنىڭ چوڭقۇر قىسمىغا توك بىلەن غىدىقلىغۇچنى كىرگۈزۈش ئوپىراتسىيەسى بولۇپ، ئوپىراتسىيەدىن كېيىن شياۋبونىڭ تارتىشىپ قېلىش چاستوتىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.
لياڭ شۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مېڭىنىڭ چوڭقۇر قىسمىنى توك بىلەن غىدىقلاش تېخنىكىسى تارتىشىپ قېلىش كېسىلى، مۇسكۇلنىڭ كېرىلىش كۈچى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، تۇتقاقلىق، ھوشسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئۈنۈملۈك داۋالاش ۋاسىتىسى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا كەڭ قانات يايدۇرۇلدى. ئەمما مېڭىگە كۆچۈرۈلگەن ئېلېكترود مېتالدىن ياسالغاچقا، قوزغاتقان ئەھۋالدا ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە بولمايدىكەن. شۇڭا، بىمار ئوپېراتسىيەدىن كېيىن يادرو ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، ئادەتتە دوختۇر نەق مەيداندا بولۇشى، توك بىلەن غىدىقلىغۇچنى ئېتىۋېتىشى ھەمدە تۆۋەن مەيدان كۈچلۈك يادرو ماگنىتلىق رېزونانس ئۈسكۈنىسىدە تەسۋىر چۈشۈرۈشى كېرەك. « بۇ ئارىلىقى بىرقەدەر يىراق ھەم جىددىي يادرو ماگنىتلىق تەكشۈرۈش ئېھتىياجى بار بىمارلارنىڭ كېيىنكى داۋالىنىشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ».
بالىلار دوختۇرخانىسى ئالدى بىلەن يادرو ماگنىتلىق ماسلىشىشچان ئېلېكترودنى بالا بىمارلارنىڭ نېرۋىسىنى تەڭشەپ داۋالاشقا ئىشلەتتى. لياڭ شۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يادرو ماگنىتلىق رېزونانس ماس كېلىدىغان مېڭىنىڭ چوڭقۇر قىسمىنى توك بىلەن غىدىقلىغۇچ ئوچۇق شارائىتتا يۇقىرى مەيدان كۈچلۈك يادرو ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق تەسۋىر چۈشۈرۈشنى تاماملاپ، بىمارنىڭ كېيىنكى مەزگىلدە باشقا داۋالاشنى قوبۇل قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن، شۇنداقلا بەدەندە توك بىلەن غىدىقلاشنىڭ مۇناسىۋەتلىك بالىلارنىڭ مېڭە ئىقتىدارى ۋە مېڭە تورىغا بولغان تەسىرى قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ