يېقىندا جېجياڭنىڭ لىشۈيدە بىر پىكاپ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتتى، جىددىي پەيتتە بىرنەچچە توك ئىشچىسى نەق مەيدانغا پەيدا بولدى.
5-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 14 لەردە، لىشۈي شەھىرىنىڭ جىڭنىڭ ناھىيەسى مېيكېڭ يېزىسىنىڭ مەلۇم يول بۆلىكىدە بىر پىكاپ تۇيۇقسىز كونتروللۇقىنى يوقىتىپ رېشاتكىنى سوقۇپ، ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتتى.
يېقىن ئەتراپتا لىنىيەنى چارلاۋاتقان توك بىلەن تەمىنلەش خادىمى لېي خەيجۇڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، كۆپ ئويلاپ ئولتۇرماي ئۆستەڭ بويىغا قاراپ ئېتىلىپ، تۇنجى بولۇپ ماشىنا چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيدانغا يېتىپ باردى.
ھادىسىگە ئۇچرىغان ماشىنىنىڭ بېشى تۆۋەنگە قاراپ تىك ھالەتتە ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، لېي خەيجۇڭ ماشىنا ئەينىكىدىن ئىچىدە پەقەت شوپۇرلا بارلىقىنى، باش قىسمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆردى.
«ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟» لېي خەيجۇڭ يۇقىرى ئاۋازدا سورىدى. قارشى تەرەپتىن ناھايىتى ئاجىز جاۋاب كەلدى. لېي خەيجۇڭ يەنە «ھازىرلا دوختۇر كېلىدۇ، ئۇخلاپ قالماڭ، بىز تېزلا سىزنى قۇتقۇزۇپ چىقىمىز!» دەپ ۋارقىرىدى.
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ قىرغاققا قاراپ:«تېز بېرىپ شىپاخانىنىڭ دوختۇرىنى ياردەمگە چاقىرىڭلار!» دېدى. لېي خەيجۇڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئارغامچا بىلەن ماشىنىنى مۇقىملاشتۇردى ھەمدە دەريادىكى قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ياۋا ئوت - چۆپلەر ۋە ماشىنىدىكى چېقىلىپ كەتكەن ئەينەك پارچىلىرىنى تازىلىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي شىپاخانىدىكى دوختۇرلار جىددىي قۇتقۇزۇش ساندۇقى ۋە نوسىلكىنى ئېلىپ كېلىپ، قاپسىلىپ قالغان كىشىنىڭ يارىسىنى ئاددىيلا بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، تېببى خادىملار يەنە كۆپچىلىككە يېتەكچىلىك قىلىپ شوپۇرنى ماشىنىدىن ئاۋايلاپ قۇتقۇزۇپ چىقتى. يارىدار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى، دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ھازىر دوختۇرخانىدىن چىقتى.
لېي خەيجۇڭ ئادەم قۇتقۇزغان ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:«بۇنداق ئەھۋالدا بىز كۆپ ئويلاپ ئولتۇرماي، پەقەت پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن تېزدىن ئادەم قۇتقۇزۇشنىلا ئويلىدۇق!
ئاددىي قەلب، ئاددىي كۈچ بىلەن قالتىس ئىشلارنى قىلغانلارنى ئالقىشلايمىز!
مەنبە: خەلق تورى