مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئىمتىھان ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى تاللاشقا بولمايدۇ

2023.05.23 13:45 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا 2023-يىللىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىش، ئۆرلەپ ئوقۇش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ئىمتىھان ئارقىلىق تاللاشقا، تۈرلۈك مۇسابىقە، ئىمتىھان گۇۋاھنامىسى، شەرەپ گۇۋاھنامىسى، تەربىيەلەش ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا ياكى پايدىلىنىشقا بولمايدىغانلىقى تەلەپ قىلىندى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار مەجبۇرىيەت مائارىپىدا يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئىمتىھانسىز كىرىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش رايونىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىپ، تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى يىغىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك قوبۇل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. جايلارنىڭ كۆپ پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بىر مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئاپىرىپ - ئەكىلىشى قولايسىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:جايلار يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتى ۋە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار سانىنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇستىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئېھتىياجىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جايلار ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان تەمىناتىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ۋە پۇقراۋى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ رايون ھالقىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، 2024- يىلىغا بارغاندا تەۋەلىك بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە « ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ۋە پۇقراۋى مەكتەپلەرگە ئوخشاش قوبۇل قىلىش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:جايلار، مەكتەپلەر ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىغا يول قويماسلىق تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ئوقۇشقا كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «ئاشكارا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش»نى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ