دۆلەتلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ رەسمىي ۋىۋىسكىسى ئېسىلدى
دۆلەتلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىدا مۇھىم بىر قەدەم تاشلىدى.
بۇ يىل 3ـ ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ تۈر پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ساھەسىگە چېتىلىدۇ، يەنى: مەركەز پۇل مۇئامىلە كومىتېتى قۇرۇش، مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى كومىتېتى قۇرۇش، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇش، يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنى گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات قىلىپ تەڭشەش، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار. ئىسلاھات لايىھەسىگە ئاساسەن، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى جۇڭگو بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى ئاساسىدا قۇرۇلۇپ، ئاكسىيە كەسپىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ. جۇڭگو بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى ساقلاپ قېلىنمايدۇ.
2018-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچە بەش يىلدىن ئاشقانىدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ