مۇھىم خەۋەرلەر

ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار خىزمەت ئىزدىگەندە بۇ يەتتە چوڭ قىلتاقتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

2023.05.15 20:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر دەل خىزمەت ئىزدەش پەسلى، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار پات ئارىدا خىزمەت مەيدانىغا قاراپ ئاتلىنىدۇ. ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىغا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپچىلىك خىزمەت ئىزدەش ئالدامچىلىقىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. مۇخبىر ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، كۆپ ئۇچرايدىغان يەتتە تۈرلۈك خىزمەت ئىزدەش قىلتىقىنى رەتلەپ چىقتى.

  بىرىنچى قىلتاق: قارا ۋاسىتىچىلارنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىشى

  بەزى قانۇنسىز كەسىپ تونۇشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى تەكلىپ قىلىش نامى بىلەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تىزىملىتىش ھەققى، كىيىم-كېچەك ھەققى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققى، تەربىيەلەش ھەققى، رەنە پۇلى، ئىش ئورنى مۇقىملاشتۇرۇش پۇلى، ماتېرىيال تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىق تۈرلۈك ھەقلەرنى ئالىدۇ. بەزى ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار قانۇنسىز ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالدى بىلەن خىزمەت تونۇشتۇرۇش نامى بىلەن ھەق ئالىدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا بېرىپ خىزمەتكە چۈشكەندە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يەنە ھەر خىل سەۋەبلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىشىنى رەت قىلىدۇ ياكى يېرىم يولدا ئىشتىن بوشىتىدۇ. يەنە بەزى ئاپپاراتلار ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا يۇقىرى مائاشلىق پراكتىكا ئورنى بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بېرىدۇ، لېكىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم ئالاقىدار مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ.

  ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى: ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشتا ھېچقانداق خىراجەت ئېلىنمايدىغانلىقىنى، ئالدى بىلەن ھەق تاپشۇرۇشنى شەرت قىلغان تەكلىپ قىلىش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، پىراكتىكا قاتارلىقلارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھەق ئېلىش قانۇن ئاساسى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەك. خىزمەت ئىزدىگەندە ئالدىن بىلەن ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە «ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئىجازەتنامىسى» ھازىرلىغان مۇنتىزىم بازار ۋاسىتىچى ئاپپاراتىنى تاللىشى كېرەك.

  ئىككىنچى قىلتاق: يۇقىرى مائاشلىق قوشۇمچە خىزمەت ئەمەلىيەتتە ئالدامچىلىق

  بەزى ئالدامچى ئۇنسۇرلار يۇقىرى مائاشلىق قوشۇمچە خىزمەت قىلىش، مائۇسنى چەكسىلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ، زاكاز چۈشۈرسە نەقلەشتۈرۈش قاتارلىق نىقابلار بىلەن ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۆلچىمى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، «ئەركىن-ئازادە قوشۇمچە خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ، ئىش ھەققى يۇقىرى» دېگەندەك ناملار بىلەن باشقىلارنى جەلپ قىلىدۇ.

  ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى: ھەم ئاسان ھەم پۇل تاپقىلى بولىدىغان ياخشى ئىشلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەڭ، نۆۋەتتىكى ئىش ئورنىنىڭ بازار ئىش ھەققى سەۋىيەسىنى چۈشىنىش كېرەك، ئاسماندىن بىكارلىق پوشكال چۈشمەيدۇ، چۈشتى دېگەندىمۇ ھەممىسى قىلتاق؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش، بانكا كارتىسى، تور بانكىسى، جىفۇباۋ قاتارلىقلارنىڭ مەخپىي نومۇر ئۇچۇرلىرىنى ئاسانلىقچە ئاشكارىلاپ قويماسلىق، ناتونۇش تور ئادرېسىنى خالىغانچە ئاچماسلىق كېرەك.

  ئۈچىنچى قىلتاق: تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن يۇقىرى سوممىلىق قەرزنى ئارتىپ قويۇش

  قىسمەن ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار يۇقىرى مائاش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەمچۈك قىلىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيەلىگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھۆددە قىلىش ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ، لېكىن بېكىتىلگەن قەرز بەرگۈچى ئاپپاراتتىن قەرز پۇل ئېلىپ تەربىيەلەش ھەققى تۆلەش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ھەمىشە ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ ياكى تەۋىسىيە قىلغان خىزمىتى ئەسلىدىكى ۋەدىسىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى سوممىلىق قەرز ئېلىش ھەم ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىقتەك پايدىسىز ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

  ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى: ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاپپارات ياكى كارخانىنىڭ تىجارەت دائىرىسىنىڭ تەربىيەلەش مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان-ئالمىغانلىقىغا، ۋەدە قىلغان مائاشنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوخشاش ئىش ئورنىنىڭ مائاشى بىلەن ئاساسەن بىردەك بولغان-بولمىغانلىقىغا قارىشى، قەرز پۇل كېلىشىمى ياكى قەرز پۇل مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەربىيەلەش كېلىشىمىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىمزالىشى كېرەك. ئالدانغانلىقىنى بايقىغان ھامان، دەرھال ئالاقىدار تارماقلارغا دېلو مەلۇم قىلىش لازىم. ھەقىقەتەن كەسپىي تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ئېھتىياجى بولسا، شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇنتىزىم تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى ئىزدەش كېرەك.

  تۆتىنچى قىلتاق: شاخلىتىپ سېتىش قىلتىقىغا دەسسىۋېلىش

  شاخلىتىپ سېتىش دېگىنىمىز، تەشكىللىگۈچى ياكى تىجارەتچىلەر خادىملارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلاردىن ھەق تاپشۇرۇش ياكى تاۋار سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قاتنىشىش ياكى باشقىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىپ، قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. شاخلىتىپ سېتىش ئادەتتە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى كۈچىنىڭ بارىچە تەۋسىيە قىلىش يولى بىلەن تارقىلىدۇ، ئاساسلىقى ئاسانلا كۆپ پۇل تېپىش، يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشمايلا بىۋاسىتە ئىش ئورنىغا چىقىش نامىدا كىشىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. شاخلىتىپ سېتىشنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانى ياكى خىزمەت ئورنى بىر قەدەر چەت ھەم دائىم ئالمىشىپ تۇرىدۇ، شىركەت كەسپىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

  ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى: شاخلىتىپ سېتىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا شاخلىتىپ سېتىشنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىپ، تۆۋەن ئېقىن تەرەققىي قىلدۇرۇش تەشۋىقاتىغا قارىتا، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، شاخلىتىپ سېتىشنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن شاخلىتىپ سېتىشقا كىرىپ قالسا، جىسمانىي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى قىلتاق: توختام تۈزۈش قېلىپلاشمىغان بولسا ھوقۇقنى قوغداش تەس بولىدۇ

  توختام ئىمزالاش جەريانىدا، قىسمەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى مەسئۇلىيەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ. بەزىلىرى پەقەتلا «ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمنامىسى» ئىمزالاپ ياكى سۆھبەتلىشىش، تېلېفون بېرىش قاتارلىق ئاغزاكى شەكىلدە خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى پۈتۈشۈپ، يازما ئەمگەك توختامى تۈزمەيدۇ. بەزى توختاملارنىڭ مەزمۇنى ئاددىي، ئىش ئورنى، مائاش، ئەمگەك شارائىتى، توختام مۇددىتى قاتارلىق كونكرېت مەزمۇنلار كەمچىل بولىدۇ. بەزىلىرى باج پۇلىنى ئاز تاپشۇرۇشنى باھانە قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا مائاشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى پارچە «ئاشكارا-يوشۇرۇن توختام»نى تەييارلايدۇ. بەزىلىرى «زومىگەرلىك ماددىلىرى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىر نەچچە يىل ئىچىدە توي قىلماسلىق، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە شەرتسىز بويسۇنۇش، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە خىزمەتتىن ئايرىلغاندا مائاشنى بەرمەسلىك قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ.

  ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى: ئەمگەك توختامى تۈزۈشتىن بۇرۇن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەستايىدىل كېڭىشىش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، قول ئۇچىدىلا توختام تۈزمەسلىك كېرەك. ئەمگەك توختامىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن زۆرۈر ماددىلار (مەسىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، توختام مۇددىتى، خىزمەت مەزمۇنى ۋە ئورنى، ئىش ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش ۋاقتى، ئەمگەك ھەققى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئەمگەك شارائىتى قاتارلىقلار)نى ھازىرلىغان-ھازىرلىمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەمگەك توختامىدىكى قانۇن ئاساسى يوق، روشەن نامۇۋاپىق ماددىلاردىن ئالاھىدە ھوشيار بولۇپ، قىلتاققا چۈشۈپ قېلىپ، ھوقۇقنى قوغداش تەس بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئالتىنچى قىلتاق: يالغاندىن سىناپ ئىشلەتتۇق دەپ ئەمەلىيەتتە راست ئىشلىتىش

  بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقىرى چەكتىن ئاشۇرۇپ ئۇزاق مۇددەت سىناپ ئىشلىتىشنى پۈتۈشىدۇ، ياكى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى تەكرار پۈتۈشىدۇ. بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى باھانە قىلىپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن مائاش بېرىدۇ ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرمايدۇ. يەنە بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، شۇ قاراردا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ تەكلىپ قىلىدۇ، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە تۆۋەنرەك مائاشنى پۈتۈشىدۇ، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنى بىكار قىلىدۇ.

  ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى: سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئوخشاش بىر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوخشاش بىر ئەمگەكچى بىلەن پەقەت بىر قېتىم سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشىدۇ؛ مۇئەييەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئەمگەك توختامىدا ياكى مۇددىتى ئۈچ ئايغا توشمايدىغان ئەمگەك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشكە بولمايدۇ؛ ئەمگەك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىلا پۈتۈشۈلگەن بولسا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، بۇ مۇددەت ئەمگەك توختامى مۇددىتى بولىدۇ. سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى نورمال تاپشۇرۇشى كېرەك، مائاش سەۋىيەسى شۇ ئورۇننىڭ ئوخشاش ئىش ئورنىدىكى ئەڭ تۆۋەن مائاشتىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكەن مائاشنىڭ %80 ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى، شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

  يەتتىنچى قىلتاق: گەپ ئويۇنى ئويناپ ئىش ئورنىنى پەردازلاش

  بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئورۇننىڭ كۆلىمى، نەتىجىسى، تەرەققىيات ئىستىقبالى، ئىش ھەققى ۋە پاراۋانلىق قاتارلىقلارنى قەستەن مۇبالىغە قىلىدۇ، بەزىلىرى گەپ ئويۇنى ئويناپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان خىزمەتنىڭ مەزمۇنىنى مۈجمەل بىر تەرەپ قىلىدۇ، مال ساتقۇچى، كەسپىي خادىم قاتارلىق ئورۇنلارنى «بازار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى»، «كەسپىي بۆلۈمنىڭ باش نازارەتچىسى» قاتارلىق جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ناملار بىلەن پەردازلايدۇ.

  ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى: ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار كارخانا ئورگان تورى، تاراتقۇ خەۋەرلىرى، سودا-سانائەت تىزىملاش ئۇچۇرى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلىي پەرقلەندۈرسە بولىدۇ. ئىش ئورنى ئۇچۇرى، خىزمەت مەزمۇنىنى تەپسىلىي سوراش، قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئۇزۇن ۋاقىت كۆپلەپ خىزمەتچى تەكلىپ قىلدىغان، خىزمەتتىن ئايرىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان شىركەتلەرگە قارىتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ