مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلارغا قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

2023.05.09 14:21 مەنبە: خەلق تورى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى ۋەزىيەتتە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  6-چېسلا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى ۋەزىيەتتە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى باھالاشنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى قىلىشنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىمۇ قاتتىق ئاساسىي رىتىم، كەيپىيات ۋە ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر ۋاڭ جيايى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى بىرىنچى بايلىق، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىدا بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. لېكىن ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلار يەنىلا يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنداق قىلمىشلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا، مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈدۇ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشى قەلب ۋە روھنى مۇجەسسەملەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئۇللۇق، سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىي تۇتۇش، قاتتىق تۇتۇش كېرەك. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما قىلىنغان تەربىيە، تۈزەش خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە قىممەت يۆنىلىشى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى توغرا ئىگىلەپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلارغا قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى جەھەتتە تەڭ تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى، خېنەن شىنشيەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى، ئالىي مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى، كەسپىي تېخنىكا مائارىپى ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋەكىللىرى، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋە مەكتەپ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار پىكىر ئالماشتۇردى ۋە سۆز قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ