مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە سودا ئېلانلىرىنى قىستۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2023.05.08 14:39 مەنبە: خەلق تورى

  6-چېسلا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2023-يىللىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان كىتابلار مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئادەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى، تەنتەربىيە مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىكلەرگە چېتىلىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە ھەر قانداق سودا ئېلانى ياكى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنىڭ ئۇلىنىش تور ئادرېسى، ئىككىلىك كود قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قىستۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى دۆلەت دەرسلىكلىرىنىڭ ھەرقايسى پەنلىرىدە «2023- يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى دۆلەت دەرسلىكى ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان كىتابلار مۇندەرىجىسى» دىكى دەرسلىكلەر ئىشلىتىلىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى دۆلەت دەرسلىكىگە تەۋە بولسىمۇ لېكىن مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەلەپكە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنىڭ يولغا قويۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى بېكىتىدۇ، ئەگەر دەرسلىكنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىك چوقۇم رەسمىي نەشر قىلىنىشى ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان كىتابلار مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، 2023-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 2003-يىللىق دەرس ئۆلچىمىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن تولۇق 1-يىللىق، تولۇق 2-يىللىق دەرسلىكلىرى كىتاب مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ