مۇھىم خەۋەرلەر

ھوشيار بولۇڭ! بۇ خىل راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى!

دوختۇرلار ئەرلەردە كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ ئاياللاردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى!

2023.04.10 23:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 9-كۈنى خەلقئارا ئاشقازاننى ئاسراش كۈنى، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى قانۇنىيەتسىزلىشىپ، ئاشقازان كېسەللىكى بارغانسېرى كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. زادى قايسى ئادەتلەر ئاشقازاننى زەخمىلەندۈرىدۇ؟ ئاشقازاننى قانداق ئاسراش كېرەك؟

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە ئاشقازان كېسىەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى %85 كە يەتكەن. 2022-يىللىق مەملىكەتلىك راك كېسىلى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى يېڭىدىن پەيدا بولىدىغان ئاشقازان راكى تەخمىنەن 397 مىڭ بولۇپ، بارلىق ئۆسمىلەر ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەردە ئاياللاردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئىكەن.

  كېسەل بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىدىن قارىغاندا، ئاشقازان راكى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلەشكە يۈزلەنگەن. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشقازان راكىنى ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈشنى بالدۇرراق قانات يايدۇرۇش ئاشقازان راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن. دوختۇرلار ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىشتىن ئالاھىدە ھوشيار بولۇشنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ