مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«رېمونتچى، ياماقچى»لار خەلق تۇرمۇشىنى قولايلاشتۇرۇپ، شەھەرنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ

2023.03.29 01:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:سانسىزلىغان ئىنچىكە ھالقىلاردا خەلق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ، مۇشۇنداق شەھەرلەردە ياشىغاندىلا، كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سودا مىنىستىرلىقى خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. «نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش» پىرىنسىپى بويىچە بىر دائىرىگە بىر سىياسەت تۈزۈپ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرمۇش ئاساسىي كاپالىتى تۈرىدىكى كەسىپلەر ۋە سۈپەتنى ئاشۇرۇش تۈرىدىكى كەسىپلەرنى مۇكەممەللەشتۈردى. مەسىلەن، موزدوز، ئاچقۇچ سەپلىگۈچى قاتارلىق «رېمونتچى، ياماقچى»لارنى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قېلىپلىق، تەرتىپلىك ھالەتتە قايتۇرۇپ كېلىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ئىستىمالىنى قولايلاشتۇردى.

  ئىنتېرنېت تورى مۇلازىمەت سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ ئىستېمال، مال سېتىۋېلىشتىن كۆڭۈل ئېچىشقىچە، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يانفوندا سىكاننېرلاپلا تاماملىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەردىمۇ ئىشتان پۇشقىقىنى بۈكۈش، سېرىتما ئالماشتۇرۇش، ئاچقۇچ سەپلەش، شۇنداقلا يول بويىدا چاچ ياساش، ئاياغ ياماش، ۋېلسىپىت رېمونت قىلىش قاتارلىق مۇشۇنداق نۇرغۇن ئۇششاق ئىستېمال ئېھتىياجى بار بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى، بولۇپمۇ ياشانغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجى ناھايىتى كۆپ؛ گۆش، تۇخۇم، كۆكتات، ياغ، تۇز، ئاچچىقسۇ، كوچا ناشتىلىقى دېگەندەكلەرنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلار كۈندىلىك ئىستېمالنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ.

  «رېمونتچى، ياماقچى»لار كەم بولسا بولمايدىغان خەلق تۇرمۇشى لازىمەتلىكلىرى بولۇپ، مۇھىم ئىستېمال ئېھتىياجى، شۇنداقلا شەھەرلەردە كەم بولسا بولمايدىغان ھاياتىي كۈچ ۋە تۇرمۇش پۇرىقىدۇر، ئۇلارغا پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىگە يېقىن خەلق تۇرمۇشى مۇجەسسەملەنگەن. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شەھەرلەردە قاتار-قاتار ئېگىز بىنالار، چىرايلىق مېھمانخانىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، كەڭ كەتكەن يول ۋە چوڭ مەيدانلار ئاز ئەمەس، زامانىۋى شەھەرنىڭ سېھرىي كۈچى نامايان بولماقتا. لېكىن، نەپىس سودا چەمبىرىكىدىن باشقا، كىچىك كوچىلاردا، ئۆيدىن چىقسىلا ئەتىگەنلىك ناشتىلىق، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدىغان دۇكانلار كەمچىل بولسا، ئىشتاننىڭ پۇشقىقىنىنى بۈكۈش، ئاچقۇچ ياساش، لامپۇچكا سېتىۋېلىش، ئاياغ رېمونت قىلىش، ۋېلسىپىت رېمونت قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان يايمىلارنى تاپقىلى بولمىسا، ئولتۇراق رايوننىڭ سىرتىدا كىچىك تاللا بازىرى بولمىسا، ياغ، تۇز، ئاچچىقسۇ، چىش پاستىسى، لۆڭگە، لامپۇچكا قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چوڭ تاللا بازىرىغا بېرىش كېرەك بولسا، نۇرغۇن كىشىلەر قولايسىز ھېس قىلسا، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟

  شەھەر تەرەققىياتىدا كوچىلارنى كېڭەيتىش، يوللارنى پاكىز تۇتۇش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، باشقۇرۇش قېلىپلاشقان بولۇش بىلەن بىللە، خەلق تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىدىغان كوچىدىكى ئۇششاق يايمىلارغىمۇ دىققەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجلىق بولغان خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۇرمۇش ئاساسىي كاپالىتى تۈرىدىكى كەسىپ ھالىتى ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش تۈرىدىكى كەسىپ ھالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودىنى قوللاش، شۇنداقلا كوچىلاردىكى موزدۇزلۇق، ئاچقۇچ سەپلەش، كىيىم ياماش قاتارلىق رېمونت قىلىش تۈرىدىكى كەسىپكارلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

  خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، يايما ئورنى، تازىلىق، مۇلازىمەت سۈپىتى، بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، تىجارەت رايونىنى ئايرىپ، ھەقسىز، تۆۋەن ھەق ئەندىزىسى ئارقىلىق يۆلەش لازىم؛ يەنە «رېمونتچى، ياماقچى» تۈرىنى ئالاقە تورى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، توردا زاكاز قوبۇل قىلىش، ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھام بېرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ قولايلىق بولغان «رېمونتچى، ياماقچى»لار مۇلازىمىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. يايمىچىلارنى يېقىشلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى تېزدىن شەھەر كوچىلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىش، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ