مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇچۇر تورىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىگە ياردەم بەرگۈچى بولۇپ قالماڭ

2023.03.29 01:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلقى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بەش يىل ئىچىدە، تېلېفون كارتىسى ۋە بانكا كارتىسىنى قانۇنسىز ئېلىش-سېتىش، تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، پۇل يۆتكەپ بېرىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەنلەر 2018-يىلىدىكى 137 ئادەمدىن 2022-يىلىدىكى 130 مىڭغا كۆپەيگەن. بولۇپمۇ 2020-يىلى 10-ئايدىكى «كارتا سۇندۇرۇش» ھەرىكىتىدىن بۇيان، تەپتىش ئورگانلىرى ئەيىبلىگەن ئۇچۇر تورىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلولار بىر قەدەر تېز ئاشقان بولۇپ، ھازىر تۈرلۈك جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەنلەر سانى جەھەتتە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان جىنايەت نامى بولۇپ قالغان (ئالدىنقى ئىككىسى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماشىنا ھەيدەش جىنايىتى ۋە ئوغرىلىق جىنايىتى).

  جىنايەت سۇبيېكتىنىڭ شەكىللىنىشىدىن قارىغاندا، قانۇن ئېڭى ئاجىز، قولىدا پۇلى كۆپ بولمىغان ياشلار جىنايەتچىلەرنىڭ ئاساسلىق «قولچوماقچىلىرى»غا ئايلانغان. ئۇلار «كىچىككىنە ياردەم بېرىش ئارقىلىق يۇقىرى ھەق ئېلىش»نىڭ قىزىقتۇرۇشىغا تاقابىل تۇرالماي، تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قېلىپ، تېلېگراف ئالدامچىلىرىنىڭ «قورالى»غا ئايلاندى. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەر بۇ ياشلار ئىشتىن بۇرۇن تىپىك دېلو مىساللىرىنى چۈشەنگەن، مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتلەرگە چېتىلىدىغان قانۇن خەۋپ-خەتىرىنى بىلگەن بولسا، ئۇلارنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەن بولغان بولاتتى. شۇڭا، ئۇچۇر تورىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىش جىنايىتىنىڭ كۆپىيىش ۋەزىيىتىنى توسۇشتا، ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ياشلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىش ئاچقۇچلۇق ئىش ھېسابلىنىدۇ. تىپىك دېلو مىسالى ۋە ئەتراپىدىكى مىسالدىن باشلاپ، تېلېفون كارتىسى ۋە بانكا كارتىسىنى ئىجارىگە بېرىش، سېتىشنىڭ خەۋپ-خەتەر ئامىلىنى ئېنىق سۆزلەپ، گۇمانلىق پىراكتىكا، خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھەرىكەت ئەندىزىسىنى ئېچىپ بېرىپ، ئۇچۇر تورىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىش جىنايىتىنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى ئېنىق شەرھلەپ، ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغۇرىقىنى چالغاندا، كىشىلەر ھەرخىل تونلارغا ئورۇنۇۋالغان تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقىنى تېخىمۇ ئاسان بايقىۋالالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ