CBA چولپانلار مۇسابىقىسىدە، شىمالىي رايون كوماندىسى ۋاقىت قوشۇلغان مۇسابىقىدە جەنۇبىي رايون كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

ئابدۇسالام قىممىتى ئەڭ يۇقىرى توپچى شەرىپىگە ئېرىشتى

2023.03.29 01:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2023-يىللىق CBA چولپانلىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى رەسمىي مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە شيامېندا ئوينالدى، كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسى 117:113 نەتىجە بىلەن جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسىنى يەڭدى.

  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جەنۇبىي رايون چولپانلار كوماندىسىدىن خۇ مىڭشۈەن ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان بولۇپ، 24 نومۇر ئالدى، يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ۋاڭ جېلىن 23 نومۇر ئالدى، گاردىن قايتقان توپتىن سەككىزنى تارتىۋالدى. شىمالىي رايون كوماندىسىدىن ئابدۇسالام 20 نومۇر ئالدى، گاردىن قايتقان توپتىن سەككىزنى تارتىۋالدى. جاڭ جېنلىن 17 نومۇر ئالدى، گاردىن قايتقان توپتىن توققۇزنى تارتىۋالدى.

  ئابدۇسالام مۇسابىقىدىن كېيىن مۇنداق دېدى: «چولپانلار مۇسابىقىسى ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى، مۇسابىقىدە بەك تىركەشتۇق. مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئۆزۈمنىڭ قىممىتى ئەڭ يۇقىرى توپچى شەرىپىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، تېخى پۇخادىن چىقمىدىم. بىزنىڭ شىمالىي رايون غەلىبە قىلمىغىلى بەك ئۇزۇن بولغان، بۇ قېتىم كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يېڭىشنى ئويلىدى، ھەممەيلەن ئۆزىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى. قىممىتى ئەڭ يۇقىرى توپچى شەرىپىگە ئېرىشىشىمدە سەپداشلىرىمنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، جاڭ جېنلىننىڭ ھېلىقى ئۈچ نومۇرلۇق توپنى كىرگۈزگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ