3-ئاينىڭ 24-كۈنى، بېيجىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: دائىملىق تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
2022-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، بېيجىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنىڭ كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى باسقۇچلۇق ئۇزارتىش تەدبىرىنى ئېلان قىلغان، تەدبىر بويىچە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار ئورۇنلار 2023-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئېلىشنى نورمال ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋالسا ۋە ئىلتىماس قىلسا كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئىدارە بەلگىلىمە بويىچە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك.
بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بېيجىڭ دائىملىق تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ, 2022-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىنغان «تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنىڭ كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش تەدبىرىنى باسقۇچلۇق ئۇزارتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ ئالاقىدار مەزمۇنلىرىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىدۇ. تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار ئورۇنلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
بېيجىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، «بېيجىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى تاپشۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ 3-باب 28-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار ئورۇنلار شۇ ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بولمىغان ئورۇنلار بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك، شۇندىلا باشقۇرۇش كومىتېتىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ياكى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ