مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياپونىيەلىك ئەر جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە چېتىلىپ بېيجىڭدا قولغا ئېلىندى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن، دېدى

2023.03.28 15:32 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 27-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭدا قولغا ئېلىنغان بىر ياپونىيەلىك ئەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سوئال سورىدى. ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ ئايدا بىر ياپونىيە پۇقراسىغا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان ھەم تەكشۈرگەن. بۇ ياپونىيە پۇقراسى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە چېتىلىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلدى، جۇڭگو «ۋيېنا كونسۇل مۇناسىۋىتى ئەھدىنامىسى» ۋە «جۇڭگو-ياپونىيە كونسۇل كېلىشىمى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈردى.

  ماۋنىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، جۇڭگوغا كەلگەن بارلىق چەت ئەللىك خادىملار جۇڭگونىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىشى كېرەك، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ياپونىيە پۇقراسىنىڭكىگە ئوخشاش دېلولار كۆپ يۈز بەردى، ياپونىيە ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىغا بولغان تەربىيە ۋە ئەسكەرتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ