مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇتەخەسسىسلەر «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»غا مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى

2023.03.28 15:29 مەنبە: خەلق تورى

  چىڭمىڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ساياھەتكە چىقىشنى ئويلاشمىدى. بۇ يىلقى چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش دەل چارشەنبە بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر قىسقىغىنە بىر كۈندە سىرتقا چىقىپ دەم ئېلىش خىيالىدىن ۋاز كەچتى. ئەمەلىيەتتە، ئىلگىرى «دەم ئېلىش ۋاقتىنى تەڭشەش» ئارقىلىق قىسقا دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى «ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش»قا قىزىقتۇرغان، مۇناسىۋەتلىك تېمىلار دائىم قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. شۇڭا، ئىزچىل تۈردە مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتكە چىقىش ساداسى ئۈزۈلمىگەن.

  دۆلىتىمىز 1994-يىلى ئېلان قىلغان ئەمگەك قانۇنىدا مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمى بېكىتىلدى. 2008-يىلى گوۋۇيۈەن «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش ھەققىنى ئايدىڭلاشتۇردى. لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالدى. بولۇپمۇ ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، ھەتتا «قەغەز يۈزىدىكى ھوقۇق» قا ئايلىنىپ قالدى.

  «ئېلىمىز دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتمەكتە. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مائاشلىق دەم ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇھتاج» دېدى جۇڭگو سىياسىي-قانۇن داشۆسى ھەق تەلەپ ۋە سودا-ئىقتىسادىي قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ شيەنيۇڭ «قانۇنچىللىق گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، «نىزام»غا ۋاقتىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ