مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەشكىللىنىپ، قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ تاماق يېيىشى قارىماققا قىزىقارلىقتەك قىلسىمۇ، لېكىن ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ

2023.03.21 22:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا قاچىلىق تاماق يەۋاتقان كۆرۈنۈشى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى ۋە تالاش-تارتىشىنى قوزغىدى. سىچۈەن يىبىڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ تېز تاماقلىرىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تالىشىپ يېدى، باھاسى ئەرزان، مىقدارى يېتەرلىك بولغاچقا، تاماق ۋاقتى بولماي تۇرۇپلا، ئوقۇغۇچىلار ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ئورنىغا بېرىپ دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن تاماق «تالىشىپ» يېيىشى قارىماققا ناھايىتى قىزىقارلىق كۆرۈنىدۇ، ئەمما بۇ ئويلىنىشقا ۋە ئاگاھلاندۇرۇشقا ئەرزىيدىغان ئىش.

  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نېمىشقا ئىش ئورنىغا بېرىپ قاچىلىق تاماقنى «تالىشىپ» يەيدۇ؟ نېمىشقا مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق يېمەي، تەشكىللىنىپ قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يەيدۇ؟ نەق مەيداندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىغا قارىغاندا، 13 يۈەن پۇل بىلەن خالىغانچە يېگىلى بولىدىكەن، قورۇمىلىرى مول، تەمى ياخشى ئىكەن، ئەڭ مۇھىمى قورسىقى تويىدىكەن، تاماق ئۇسىدىغانلارنىڭ قولى تىترىمەيدىكەن. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، «تامىقى تەملىك، مىقدارى يېتەرلىك، يەنە قورساق تويغۇچە يېسە بولىدىكەن». بەزى تورداشلار چاقچاق قىلىپ: «مەكتەپ ئاشخانىسى بىر كۈنلەردە ئىش ئورنىدىكى ئاشخانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تاماق قاچىسىنى تارتىۋالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتتى» دېيىشتى.

  ئەمەلىيەتتە، بەزى مەكتەپ ئاشخانىلىرىنىڭ تاماق سۈپىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى بۇرۇنلا ئاشكارا بولغان. مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئاشخانىلار ئويلىنىشى، مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشخانىنىڭ تاماق سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ ئىستىلى ۋە باھاسى زىيادە يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى تۈزىتىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى قورسىقى تويغۇدەك يېيەلەيدىغان قىلىپلا قالماي، يەنە ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇش، تېخىمۇ خاتىرجەم تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تاماقلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولسا، كىممۇ قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ تاماق يەيدۇ؟

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ