ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن كەلگەن ياش ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېكسكۇرسىيە - تەكشۈرۈش پائالىيىتى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2023.03.21 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20 - مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، (مۇخبىر داۋرىنا): دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ يېتەكچىلىكى، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن كەلگەن ياش ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېكسكۇرسىيە - تەكشۈرۈش پائالىيىتى 19-مارت مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتنىڭ جاي - جايلىرىدىن كەلگەن 70 نەپەر ياش ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىسى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى.


  دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ شيەنخۇي ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشىنى پىلانلاشتىكى مەقسەت مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كەڭ، چوڭقۇر، سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. ئۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ياش ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن بىرىنچىدىن، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ياشلىق مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىش؛ ئىككىنچىدىن، «ئىچكى ھەرىكەتلىنىش يوشۇرۇن ئېڭى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش؛ ئۈچىنچىدىن، «قەلب مايىللىقى»نى ئۇنتۇماي، ئارىلىشىش توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى يېزىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


  ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن كەلگەن ياش ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېكسكۇرسىيە-تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى. (مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تەمىنلىگەن سۈرەت)


  مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ چېڭگاڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ياش دوستلاردىن ئۆگەنگەنلىرى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئۆگەنگەنلىرىدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئورنىتىپ، مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىدە ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەڭ سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ ئۆز ئارا سىڭىشىش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا باغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توردا ۋە تور سىرتىدا بىر گەۋدىلەشكەن ئۆزگىچە مىللىي ئەدەبىيات - سەنئەت ماركىسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  كۇرسانتلار ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. (مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تەمىنلىگەن سۈرەت)


  ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ «ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش پىلانى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بولۇپ، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىكەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مۇتەخەسسىسلەر دەرس ئۆتۈش، مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، سەنئەت كۆرىكى، نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغاندىن باشقا، كۇرسانتلار يەنە تۇنجى تۈركۈمدىكى تاماشىبىن سۈپىتىدە موڭغۇل - زاڭزۇ مەكتىپىنىڭ كونا ئورنىدا قۇرۇلغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى مۇستەھكەملەشنى ھېس قىلىش سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىكەن ھەمدە جۇڭگو ھۈنەر - سەنئەت سارىيى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىكەن.


  كۇرسانتلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرماقتا. (مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تەمىنلىگەن سۈرەت)


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ