مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«يايمىچىلىق ئىقتىسادى»نىڭ تۇرمۇش پۇرىقى ئىچىدە مەدەنىيلىك ئىستىلى بولۇشى كېرەك

2023.03.16 21:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىستىمال ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن خاڭجوۋ، چېڭدۇ، شيامىن، ۋۇشى قاتارلىق جايلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇكان سىرتىغا يايما تىزىپ تىجارەت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرمۇ يايما تىزىپ تىجارەت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى، «يايمىچىلىق ئىقتىسادى» تور سىرتىدىكى ئىستېمالنى كېڭەيتىشتىكى كېيىنكى «شامال ئېغىزى» بولۇپ قالدى.

  تۇرمۇش پۇرىقى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ھەممىدىن بەك تەسىر قىلىدۇ. ھەممە مەۋجۇداتلار ئويغىنىدىغان پەسىلدە، جايلارنىڭ تور سىرتىدىكى ئىستېمالىمۇ باھارنى كۈتۈۋالدى. كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى سودا چەمبىرىكىدە، يايما ئېچىپ تىجارەت قىلىش ئۆزگىچە بىر مەنزىرىگە ئايلاندى. پۇرىقى مېزىلىك نازۇنېمەتلەر، رەڭگى ئوچۇق تاۋارلار، ياڭراق، قىزىقارلىق توۋلاپ سېتىش ئاۋازلىرى، دەرەخ سايىسى ئاستىدىكى قەھۋەخانا، يول بويىدىكى كەچلىك ئاۋات رەستىلەر... يايما تىزىپ تىجارەت قىلىش كىشىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، شەھەرنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ.

  يايما تىزىپ تىجارەت قىلىش ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، شەھەر قىياپىتىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شەھەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆزىتىشتىكى بىر كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ. ئەنئەنىۋى دۇكانلارنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىگە سېلىشتۇرغاندا، يايما تىزىپ تىجارەت قىلىش گەرچە تىجارەتنى ئىشىكتىن سىرتقا كېڭەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئايرىشتىن دېرەك بېرىدۇ. مەسىلەن، پىيادىلەر يولىنى ئىگىلەمدۇ-يوق، مۇھىم قاتناش يول بۆلەكلىرىگە بېسىم ئېلىپ كېلەمدۇ-يوق، كىشىلەرنىڭ نورمال يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ-يوق؟ شۇنداقلا تازىلىق، مۇھىت ئاسراش، بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرمۇ بار. بۇ، سودىگەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى سىنايدۇ، شۇنداقلا شەھەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى سىنايدۇ.

  «يايمىچىلىق ئىقتىسادى»نى مەدەنىيلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئالاقىدار باشقۇرۇش تارماقلىرى دۇكاندىن چىقىرىپ تىجارەت قىلىش ۋاقتىنى ياخشى تەسىس قىلىپ، يول ئىگىلەش دائىرىسىنى بېكىتىپ، تىجارەت ۋە باشقۇرۇشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن، «شيامېن شەھىرىنىڭ كوچا ياقىسىدىكى دۇكانلارنىڭ سىرتىغا يايما تىزىپ تىجارەت قىلىشىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش يېتەكچى پىرىنسىپى»دا ئارقا كوچا، ئىككىلەمچى غول يول ۋە قاتناش ئېقىم مىقدارى مۇۋاپىق بولغان رايونلاردىكى يېمەك-ئىچمەك، گۈل، مېۋە-چېۋە، يېڭى يېمەكلىك تىجارىتى قاتارلىق دۇكانلارغا قارىتا «مۇۋاپىق ھالدا دۇكان سىرتىغا چىقىرىپ تىجارەت قىلىش»نى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەمدە «يايما تىزىپ تىجارەت قىلىش» ۋاقتى ۋە دائىرىسىنى يەرلىك تارماقلار ئىشىك ئالدىغا بېرىپ بەلگىلەش كېرەكلىكى بەلگىلەندى. بۇ، سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت قىلىشى، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەپەككۈرىنى كېڭەيتىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ئالاقىدار تارماقلار «ئىشىك ئالدىدىكى ئۈچنى ھۆددىگە ئېلىش تۈزۈمى»نى تۈزۈپ، تىجارەتچىلەرنى يايما تىزىپ تىجارەت قىلىشتىن بەھرىمەن قىلىش بىلەن بىرگە، شەھەر قىياپىتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئۈستىگە ئالدۇرۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك سودىگەرلەر شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، يايما ئورنى ئاممىۋى بوشلۇق، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ «مەسئۇلىيەت بوشلۇقى». تىجارەت قائىدىسى، پاكىزلىق ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىش ئۆزىنىڭ سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا شەھەرنىڭ «يۈزى»گە تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك. يايما ئورنىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق باشقۇرغاندىلا، ئاندىن ئىستېمالچىلارنى سىجىل جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.

  ھەر بىر يايمىلارنىڭ كەينىدە تىجارەتچىلەر ۋە ئائىلىلەر بار. تۇرمۇش پۇرىقىغا تولغان يايما ئىقتىسادى ئىستېمال قىزغىنلىقىغا كۈچ قوشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەدەنىيلىك ئىستىلىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، بىر شەھەر تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ