خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 3-ئاينىڭ 14-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيەنىڭ يادرو سۇ ئاستى كېمىسى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا سوئال سورىدى.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ئاتالمىش «ئۈچ تەرەپ بىخەتەرلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى» ئورنىتىپ، يادرو سۇ ئاستى كېمىسى ۋە باشقا ئىلغار ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ، تىپىك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى بولۇپ، پەقەتلا ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، تىنچلىقپەرۋەر دۆلەتلەر بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋستىرالىيە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى قوشما بايانات ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە پەرۋا قىلماي، خاتا ۋە خەتەرلىك يولدا بارغانسېرى يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋستىرالىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ھەمكارلىقى يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەر يادرو قورالى يوق دۆلەتلەرگە قورال دەرىجىلىك يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئۇراننى كۆپلەپ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئېغىر بولغان ياردو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋېتىش خەۋپى پەيدا قىلىپ، يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىنىڭ مەقسىتىگە خىلاپلىق قىلىدۇ. ئۈچ دۆلەت يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ پۈتۈنلەي دۇنيانى ئالدىغانلىق بولۇپ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كاتىبات باشقارمىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش، نازارەت قىلىش، كەچۈرۈم قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا زورلىغانلىق، ئورگاننىڭ نوپۇزىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىك، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.
جۇڭگو يەنە بىر قېتىم مۇنۇلارنى كەسكىن كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ: يادرو سۇ ئاستى كېمىسى ھەمكارلىقى «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نىڭ مۇكەممەللىكى، ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە نوپۇزىغا مۇناسىۋەتلىك. ئالاقىدار كاپالەت، نازارەت قىلىش مەسىلىلىرى ئاپپاراتتىكى بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ، ئۇنى ئورگاندىكى بارلىق ئەزا دۆلەتلەر ئاشكارا، سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەتلەر ئارا جەريان ئارقىلىق ئورتاق مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەر ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋستىرالىيە ئۈچ دۆلەت يادرو سۇ ئاستى كېمىسى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرماسلىقى كېرەك، ئورگان كاتىبات باشقارمىسىمۇ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بۇ ئۈچ دۆلەت بىلەن كاپالەتلىك قىلىش، نازارەت قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى كېلىشىمى ئىمزالىسا بولمايدۇ.
تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئېشىشى ئەڭ تېز رايون، بۇ ۋەزىيەت ئىنتايىن قىممەتلىك. جۇڭگو ئۈچ دۆلەتنى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە رايون دۆلەتلىرىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، كونا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تىنچسىزلىق تەپەككۇرى ۋە تار جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئىدىيەسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى