3-ئاينىڭ 15-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاسترو جۇڭگو بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو ھوندۇراس ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالدىمۇ؟ جۇڭگو قاچان ھوندۇراس بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتماقچى؟ دەپ سورىدى.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ھوندۇراس ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى قارشى ئالىمىز. دۇنيادىكى 181 دۆلەتنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىدەك ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش تارىخىي تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتى ۋە دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان توغرا تاللاش. جۇڭگو بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا ھوندۇراسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ