جۇڭگو، ئىران، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە جۇڭگو، ئىران، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرى ئومان قولتۇقىدا «بىخەتەرلىك تۈگۈنى − 2023» ناملىق دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىكەن.
«بىخەتەرلىك تۈگۈنى − 2023» ناملىق دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە مانېۋىرى 2019 ـ يىلى، 2022-يىلى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو، ئىران، رۇسىيە دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە مانېۋىرىدىن تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن، جۇڭگو نەننىڭ ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتنى مانېۋىرغا قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن بولۇپ، ئاساسلىقى ھاۋادا ئىزدەش، دېڭىزدا قۇتقۇزۇش، دېڭىزدا سەپكە تىزىلىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىمقى مانېۋىر مانېۋىرغا قاتناشقان دۆلەتلەر دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، دېڭىز بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداش، دېڭىز - ئوكيان تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى پائال بەرپا قىلىش ئارزۇسى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ